مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىزاڭ بىر قاتار مۇھىم ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى-ياخشى ئېكولوگىيەنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇردى

2023.01.31 23:51 مەنبە: خەلق تورى

  «دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ جايدا، بۈگۈنكى كۈندە دەرەخ ئۆسىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن!»__ 30 ياشلىق لوساڭ رېزىنكە سۇ تۇرۇبىسىنى سۆرەپ، بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز تاغسۆگىتى كۆچىتىنى سۇغارغاچ مۇنداق دېدى: «بۇ كۆچەتنى تىككىلى ئىككى يىل بولمىدى، پارنىك سىرتىدا تىكىلسە چوقۇم ئەي بولمايتتى، ھازىر يەنە بىر يىلدىن كېيىن سىرتقا كۆچۈرۈپ تىكىشكە بولىدۇ». لوساڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ شەھىرى سېنى رايونىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، بۇلتۇر شەھەرلىك ئورمان-ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسىغا تەكلىپ قىلىندى.

  چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، «يەر شارىنىڭ ئۈچىنچى قۇتۇپى» دېگەن نامى بار. 2021-يىلى 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى:«قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىپ، يەر شارىنىڭ 3- قۇتۇپىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىزاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئورمان بەرپا قىلىش، كۆكەرتىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتى ھازىرلانغان قاقاس تاغ، قاقاسلىققا يېشىل كىيىم كىيگۈزۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەنى ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت سائادىتى، ئەڭ يارقىن تەرەققىيات ئاساسىغا ئايلاندۇردى.

  كۆلىمى 350 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ناچۈ شەھىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن ئاشىدۇ، دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرى ئاران ئۈچ ئاي بولۇپ، كۆپ قىسىم رايونلاردىكى دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇشى تەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ناچۈ شەھىرىدە شەھەر-بازارلاردا كۆچەت تىكىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە كۆكەرتىش ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى، باشلامچى كارخانىلار نۇرغۇن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، چىڭخەي شەمشادى، چىليەن ئارچىسى، ئېگىز تاغ سۆگىتى قاتارلىق سەككىز كۆچەت تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، جەمئىي 400 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكتى، 300 مىڭ تۈپتىن ئارتۇقى ئەي بولدى.

  بىپايان قارلىق ئېگىزلىكتە ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش، يايلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇلماقتا.

  يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى دەريا ۋادىسىدا ئىلگىرى يەرلەر ئېغىر دەرىجىدە قۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 -يىللىرىدىن باشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ 40 نەچچە يىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە، دەريا بويىدا جەمئىي 45 مىليون تۈپتىن ئارتۇق ئورمان بەرپا قىلىندى. شەننەن شەھىرىنىڭ گوڭگا ناھىيەسىدىن ساڭرى ناھىيەسىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومېتىر، كەڭلىكى 1.8 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 450 مىڭ مو كېلىدىغان ئىھاتە ئورمىنى بەلبېغى شەكىللەندى. 2022-يىلى، لاسانىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تاغلارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، لاسا دەرياسى ۋادىسىدىكى توققۇز ناھىيە (رايون)، 35 يېزا-بازار (كوچا)دا 10 يىلدا 2 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان بەرپا قىلىش پىلانلاندى، شۇ يىلى 140 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىندى. 2022-يىلى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بويىچە 1 مىليون 179 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىنىپ، 4 مىليون 375 مىڭ مو ئوتلاق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ تاغ، سۇ، ئورمان، كۆل، قۇملۇق، مۇزلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەر شارىنىڭ ئۈچىنچى قۇتۇپ ئېكولوگىيەسىنى ھەقىقىي قوغدىدى. شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سۇ، ئوت-چۆپلەر مول رايوندا، لىنجى شەھىرى يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسى، نىياڭ دەرياسى قاتارلىق مۇھىم دەريا ۋادىلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى قاتتىق چەكلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلەتتى؛ شىمالىي شىزاڭ ئوتلاقلىرىدا، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، سۈنئىي ئوت- چۆپ تېرىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئوتلاقنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى يىلدىن يىلغا ئاشۇردى؛ چياڭتاڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى يەنە باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىدا تورلاشتۇرۇپ قوغداشنى يولغا قويدى.

  نۆۋەتتە، شىزاڭدا تۈرلۈك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 47سى قۇرۇلۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ۋە تىپىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر بار بولغان ئورمان كۆلىمى 14 مىليون 910 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ٪12.3كە يەتتى، ئوتلاقنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ٪47تىن ئاشتى. ئاساسلىق دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، يەتتە ۋىلايەت، شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى نىسبىتى ٪99تىن ئاشتى.

  2023-يىلى، شىزاڭدا 1 مىليون 200 مىڭ مودىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلىپ، 5 مىليون مودىن ئارتۇق چېكىنگەن ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈزەش پىلانلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر يەنىمۇ تولۇقلىنىپ لاسا، رىخازى، شەننەندە «كېرەكسىز نەرسىلەر بولمىغان شەھەر» قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

  جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇلتۇر 11-ئايدا ئېلان قىلىنغان «شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقى يىرىك پىلانى (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە)»دە، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش تەسەۋۋۇرى بويىچە، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون زېمىنى كۆلىمىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىزاڭ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ