مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى يېقىنقى مەزگىلدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2023.01.31 23:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېقىنقى مەزگىلدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا پەلەستىن-ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، زوراۋانلىق توقۇنۇشى ئۈزۈلمىدى. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جەنىن شەھىرىدە تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، پەلەستىنلىكلەر بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، 10 نەچچە پەلەستىنلىك ئۆلدى. 27-كۈنى، شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى بىر دىنىي سورۇندا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، پۇقرالار تالاپەتكە ئۇچرىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ يېقىندىن بۇيان پەلەستىن-ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئېچىندى، پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدۇ، قورال كۈچىنى زىيادە ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە پۈتۈن كۈچ بىلەن ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە تەرەپنى سوغۇققان ۋە سەۋرچان بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ بۇرمىسىمان كۈچىيىشى، ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىشىدىن ساقلىنىشقا مۇراجىئەت قىلىشتۇر.

  باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ قايتا-قايتا يۈز بېرىشىنىڭ مەنبەسى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ تېخى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىدە، پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مۇۋاپىق تەلىپىنىڭ ئۇزاققىچە ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىدا. خەلقئارا جەمئىيەت تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ سۆھبەتنى قايتا باشلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ