مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تەرەپكە كەسكىن ئۇقتۇردى

2023.01.31 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  30-چېسلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر: «يېقىندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېننىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن رىقابەتنى قانداق قىلىپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش، دۆلەت ھالقىغان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى قانداق كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ھەمدە تەيۋەن، فېنتانيل، ئۇكرائىنا ۋە چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى جۇڭگوغا بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىدى.

  ماۋنىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز باشتىن-ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈچ پىرىنسىپى بويىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمىز. دۆلىتمىز رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ ھەم رىقابەتتىن قورقۇپ قالمايدۇ، بىزنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىمىز رىقابەت ئارقىلىق پۈتكۈل جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بېرىش، رىقابەتنى باھانە قىلىپ چەكلەش، بېسىم ئىشلىتىش. دۆلىتىمىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ساھەدە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. لېكىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئامېرىكا بىر تەرەپتىن پىكىرلىشىش، ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆزلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

  ماۋ نىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تۇنجى قىزىل سىزىق. ئامېرىكا ھەرقانداق چاغدا بۇ قىزىل سىزىقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.

  خەلقئارالىق زەھەر چەكلەش ساھەسىدە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ فېنتانيل تۈرىدىكى ماددىلارنى رەسمىي تۈرگە ئايرىپ باشقۇرغان دۆلەت بولۇپ، ب د ت زەھەر چەكلەش ئەھدىنامىسى رامكىسى ئاساسىدا خەلقئارالىق زەھەر چەكلەش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنى جازالىشى دۆلىتىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمەت ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى ۋە چەكلىدى. دۆلىتىمىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكىمۇ ئامېرىكىدا زەھەر چەكلەش كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى، ھە دېسىلا مەسئۇلىيەتتىن قاچماسلىقى كېرەك.

  ئۇكرائىنا، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە، دۆلىتىمىز ئەزەلدىن سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش، يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، «ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدىغان» ۋە زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇپ كەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى ۋە مەيدانى پاكىت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

  ماۋنىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى، دۇنيانىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قارشىلاشماي ئەكسىچە سۆھبەتلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرگە مەغلۇپ بولماي بەلكى بىرگە غەلبە قىلىش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ