مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى لىن شياۋفېڭ پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2023.01.31 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ج ك پ جېجياڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋېنجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى لىن شياۋفېڭنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، لىن شياۋفېڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتىن يۈز ئۆرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولماي، سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىدىكى بەلگىلىمىلەرنى كۆزگە ئىلماي، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغا-سالاملارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلغان؛ تەشكىل بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مەسىلىسىنى ئەينەن ئېيتىمىغان، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش، قوبۇل قىلىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن؛ ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى باشقىلارغا تۆلەتكەن، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ «ئۆي بېلىتى» ئېلىپ-سېتىپ كۆپ سوممىلىق پايدا ئالغان؛ تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، ھوقۇق- شەھۋەت سودىسى قىلغان؛ قانۇن يۈرگۈزۈشكە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئارىلاشقان؛ قىلچىمۇ قانۇن-ئىنتىزام تۆۋەن چېكى يوق، «قورشاپ ئوۋلىنىش»قا رازى بولۇپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلار ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا كۆزلەپ مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ زور سوممىدىكى مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان.

  لىن شياۋفېڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومغا يوللاپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، لىن شياۋفېڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى؛ جېجياڭ ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك 15-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى، ۋېنجوۋ شەھەرلىك 13-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى توختاتتى؛ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى؛ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ