مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى قېتىم سەپلەندى

2023.01.31 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ئېلىمىزنىڭ 10-تۈركۈمدىكى مالىغا بېرىپ تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قوغدىنىش پىيادە ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترىتىگە يېڭى تىپتىكى مىنادىن مۇداپىئەلىنىش، پىستىرمىغا قارشى تۇرۇش ئاپتوموبىلى سەپلەندى، بۇ مەزكۇر جابدۇقنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ چەتئەلدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا سەپلىنىشى.

  بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قوغدىنىش، خەۋەرلىشىشتىكى ئېلېكتىر ماگنىت كاشىلىسى، كۆزىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئاددىي پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ناھايىتى ياخشى تاقابىل تۇرالايدۇ. چارلاش، قوغدىنىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى. شۆبە ئەترەت ئاساسىي ئاپتوموبىل تىپىدىن پايدىلىنىپ قۇملۇق يولىدا ھەيدەش، چارلاش، قوغداش، ئالاھىدە ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش، كاشىلىلارنى تۈگىتىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مەشىق قىلىپ، مول مەشىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، يېڭى جابدۇقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا تولۇق تەييارلىق قىلدى.

  قوغدىنىش پىيادە ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترىتى تېز قايتۇرما زەربە بېرىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى شيې ۋاڭلىن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ۋەزىپە رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىۋاتىدۇ، تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىغا ئەڭ ئېغىر تالاپەت ئېلىپ كەلگىنى يول بويىدىكى بومبا ھۇجۇمى. تېز قايتۇرما زەربە بېرىش ئوتتۇرا ئەترىتى چارلاش، قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. يېڭى تىپتىكى مىنادىن مۇداپىئەلىنىش، پىستىرمىغا قارشى تۇرۇش ئاپتوموبىلى سەپلەنگەندىن كېيىن، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، بىز ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدىغان بولدۇق».

  يېڭى جابدۇقلارنىڭ سەپلىنىشى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ