مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خىشلىق پىيادىلەر يولىغا چىم ياتقۇزۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ساختىپەزلىك قىلغانلارغا چارە كۆرۈلدى

2023.01.31 00:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جىنكەي گۇرۇھى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ پاش قىلىشىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ بىر كونا مەھەللىدىكى كەپىلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىشلىق پىيادىلەر يولىغا چىم ياتقۇزۇش مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.

  نەنچاڭ جىنكەي گۇرۇھى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن نەنچاڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نەنچاڭ جىڭكەي رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك دەپ قاراپ، دەرھال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا خىش ياتقۇزۇلغان پىيادىلەر يولىغا چىم ياتقۇزۇلغانلىقىنى بايقىمىغان بولسىمۇ، لېكىن 80 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق خىش ياتقۇزۇلغان پىيادىلەر يولىدا يەنىلا قالدۇق ئوت چۆپلەر ۋە لاي-توپىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. ئارقىدىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  ئەتراپتىكى ئاھالىلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئىنكاس قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر نەچچە ئىشچى بىر ھارۋا چىمنى ئولتۇراق رايونىنىڭ يول بويىدىكى خىش ياتقۇزۇلغان ئورۇنغا ياتقۇزدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ئۇلار ياتقۇزۇلغان چىمنى يەنە قومۇرۇپ ئېلىپ كەتتى.»

  خىشلىق پىيادىلەر يولىغا نېمە ئۈچۈن چىم ياتقۇزۇلىدۇ؟ نېمىشقا ئىككىنچى كۈنى چىم يەنە يۆتكەپ كېتىلدى؟ بۇ گۇمانلارنى يېشىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ داۋاملىق تەكشۈردى، 1-گۇرۇپپا تۈر قۇرۇلۇشچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، يەنە بىر گۇرۇپپا جىڭكەي رايونىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشى تارمىقىغا بېرىپ، بۇ تۈرنىڭ يىرىك پىلانىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ماتېرىيالىنى ئالدى.

  1-گۇرۇپپىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ سوئالىغا قارىتا، بۇ كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ دىرېكتورى جاڭ فامىلىلىك جاۋاب بېرىپ: «بىز يول بويىدا چىمنى ئاپتاپقا سالدۇق، چىم ياتقۇزۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، ئاددىي ئاپتاپقا سېلىپ بولغاندىن كېيىن يىغىۋالدۇق» دېدى.

  يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر تۈرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چېرتيوژى بىلەن نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چېرتيوژىدا، كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە بىر پارچە كۆكەرتىش بەلبېغى پىلانلانغانلىقىنى، لېكىن نەق مەيداننى بىر ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىگىلىگەنلىكىنى بايقىدى.

  تەكشۈرۈش خادىملىرى يەنە بىر قېتىم جاڭ فامىلىلىكنى ئىزدەپ سورىدى: «كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە چېرتيوژ بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنمىسا، ئولتۇراق رايوننىڭ كۆكەرتىش كۆلىمىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى مۇقەررەر، بۇ كۆكەرتىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟»

  دەلىل-ئىسپات ئالدىدا، جاڭ فامىلىلىك يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ بۇ كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى جۇ فامىلىلىكنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، خىشلىق پىيادىلەر يولىغا چىم ياتقۇزۇپ كۆكەرتىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تاقابىل تۇرغانلىقىدەك پاكىتنى تاپشۇردى.

  كېيىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر جۇ فامىلىلىكنى تاپتى، جۇ فامىلىلىكمۇ ئېتىراپ قىلىپ: «كۆكەرتىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن بۇرۇن، مەن ھازىر بار بولغان كۆكەرتىشنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ خىشلىق پىيادىلەر يولىغا چىم ياتقۇزۇشىغا سۈكۈت قىلىپ، ساختىپەزلىك قىلىش ئۇسۇلى بىلەن كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇندۇم» دېدى.

  ئاخىرىدا، نەنچاڭ جىنكەي گۇرۇھى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۈر مەسئۇلى جۇ فامىلىلىككە مەمۇرىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى، تۈر دىرېكتورى جاڭ فامىلىلىك بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى، ئالاقىدار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغاچقا، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەنچاڭ جىنكەي گۇرۇھى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلارنى تۈر قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇنلارنى جازالاش ۋە تۈزىتىشكە بۇيرىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ