مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىن گاڭ ئۆزبېكىستاننىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەيىدوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

2023.01.21 02:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ تەكلىپكە بىنائەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەيىدوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  چىن گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاش جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ.

  سەيىدوف چىن گاڭ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزبېكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە مەيدانى يۈكسەك بىردەك، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى مەسىلىسىدە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ