مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىن گاڭ ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلاشتى

2023.01.21 02:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ تەكلىپكە بىنائەن ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  چىن گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن قارايدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى قاتارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداشنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

  ئابدۇللاھىيان چىن گاڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى پۈتۈنلۈكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىران جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، بۇ رامكا ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئابدۇللاھىيان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  چىن گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ سەمىمىيىتى ۋە جانلىقلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىران تەرەپنىڭ يوللۇق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا باشقا تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ