خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە دۆلەت كوماندىسىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن يۇڭلياڭ تەكشۈرۈلدى
جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە دۆلەت كوماندىسىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن يۇڭلياڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ۋە خۇبېي ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، سابىق باش كاتىپى ليۇ يى رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلدى
جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سابىق باش كاتىپى ليۇ يى قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ۋە خۇبېي ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ