خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2023-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ:
6-ئاينىڭ 7-كۈنى
9:00دىن 11:30 غىچە تىل-ئەدەبىيات
15:00دىن 17:00 گىچە ماتېماتىكا
6-ئاينىڭ 8-كۈنى
9:00دىن 11:30 غىچە ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسال \ تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسال
15:00دىن 17:00 گىچە چەت ئەل تىلى
چەت ئەل تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش مەزمۇنى چەت ئەل تىلى يېزىقچە ئىمتىھانى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ