پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ كىتابچىسى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»نىڭ چەت ئەلچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
2023.01.21 01:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»نىڭ ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، پورتۇگالىيەچە، نېمىسچە، ياپونچە، ۋىيېتنامچە، لائوسچە ۋە خەنزۇچە-ئىنگلىزچە سېلىشتۇرما نەشرى قاتارلىق 11 خىل يېزىقتىكى نۇسخىسى چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ