مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى بەش جەھەتتىن كۈچەيتىدۇ

2023.01.20 02:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گۇي جېن 1-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022-يىلى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى كاپالىتى دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى. 2022-يىلى، مەملىكەت بويىچە 10 مىليون 580 مىڭ ئىشسىزغا ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن 88 مىليارد 700 مىليون يۈەن تارقىتىلدى.

  گۇي جېن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن 2022-يىلى 4-پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى ئەھۋالنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە يەنە بەش جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بار ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ.

  كاپالەت دائىرىسى ئىمكانقەدەر كېڭەيتىلىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق ئادەتتىكى تۇرمۇش تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىش ئاساسىدا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى كاپالىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

  كاپالەت سەۋىيەسى مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىدۇ. چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىشسىزلارنىڭ تۇرمۇشىغا كەلتۈرگەن تەسىرى ۋە جايلارنىڭ فوند قالدۇقى ئەھۋالىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ تۈرگە ئايرىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

  كاپالەتلىك قىلىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش ئاساسىدا، تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش كۆپەيتىلىپ، ئىشسىزلارنىڭ داۋالىنىش ۋە تۇغۇت ھوقۇق-مەنپەئەتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. مال باھاسى ئۆرلىگەندە، باھا تولۇقلىمىسى ھەمتۈرتكە مېخانىزمى يولغا قويۇلۇپ، باھا ۋاقىتلىق تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  كاپالەتلىك قىلىش توپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشۇشقا بىر يىل قالمىغان يېشى چوڭ ئىشسىزلاردىن پۇل ئېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارغا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقۇچە داۋاملىق تارقىتىلسا بولىدۇ. ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر خىزمەت ئىزدەشنى تىزىملاتقاندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

  كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتى ئىمكانقەدەر تېزلىتىلىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى «راۋان ئېلىش، بىخەتەر بېجىرىش» ھەرىكىتى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، «ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش» بېجىرىش مۇلازىمەت ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، «قاترىماي ئېلىش»، «كىنىشكە بولمىسىمۇ بېجىرىش»، «تىزىملاتماي تارقىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ھالقىسى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

  ئېھتىياجلىق ئامما ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلىش مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كىرىش ئېغىزى تور ئادرېسى (si.12333.gov.cn)، ئۈندىدار ۋە جىفۇباۋدىكى «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى» ئەپچىسى ھەمدە ئالقاندىكى 12333 ئەپ دېتالىدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ.

  2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 238 مىليون ئىشچى-خىزمەتچى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8 مىليون 490 مىڭ ئادەم كۆپەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ