خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىشنىڭ دۆلەت ئېلان قىلغان تىل-يېزىق قائىدىسى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
بەلگىلىمىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: رەقەملىك ۋە تور نەشر بۇيۇملىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىشى خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبەسى، ئومۇمىي ئەدەبىي تىل تاۋۇشى، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقى، ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ سۆز شەكلى، تىنىش بەلگىلىرى ۋە رەقەملەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق تىل-يېزىق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. خەنزۇ تىلى دىئالېكتى، مۇرەككەپ خەت، ۋارىيانت خەتنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى زامان خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى قورال-كىتابلارنىڭ رەقەملىك ۋە تور نەشر بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك تىل-يېزىق خىزمىتى تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى دەرسلىك ۋە ھازىرقى زامان خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى قورال كىتابلاردىن باشقا رەقەملىك ۋە تور نەشر بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.
بەلگىلىمە 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ