مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئاستا پويىز»دا بازارغا بېرىش

2023.01.20 02:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر يېشىل يورۇقلۇق چەكسىز كەتكەن ئورمانلىق، قارلىق دالىلار ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى. پويىز ۋاگونى كىشىلەر بىلەن لىق تولغان، ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، يېنىك تەۋرىنىپ تۇرغان قىزىل پانۇسلار، جۇڭگو تۈگۈچىدىن قويۇق «باھار بايرىمى پۇرىقى» چىقىپ تۇراتتى.

  «باھار بايرىمىلىق ماللار ئۈچىنچى ۋاگوندا، سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان، تۈرى كۆپ.» 4045-قېتىملىق پويىزنىڭ «باھار بايرىمىلىق مال بازىرى» ۋاگونىدا ۋارقىرىغان، خېرىدار چاقىرغان، باھا سورىغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەيتتى. تۇخۇمنى ئوراپ قاچىلاش، چەيزىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، يوۋزىنىڭ تۈرىنى سۆزلەش... مۇئاۋىن پويىز باشلىقى جاۋ جيايۆ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

  بۇ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى چىچىخار شەھىرىدىن داشىڭئەنلىڭ رايونى جاغداچقا بارىدىغان «ئاستا پويىز». باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، يول بويىدىكى ئاممىنىڭ مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تۆمۈريولى خاربىن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ چىچىخار يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى 4045-قېتىملىق پويىزدا «باھار بايرىمىلىق مال بازىرى» قۇردى، ئانچە چوڭ بولمىغان ۋاگوندا كۆكتات رايونى، ئالاھىدە مەھسۇلات رايونى، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك رايونى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بويۇملىرى رايونى قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق باھار بايرىمىلىق ماللار كۆزنى قاماشتۇرۇپ، «بازار» ئېچىلىشى بىلەنلا سودا قىزىپ كەتتى.

  «پويىزغا چىقىشقا ئالدىراپ كۆكتات، مېۋە-چېۋە سېتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدۇق، مانا ئەمدى <بازار> پويىزغا كۆچۈرۈلۈپ بەك ياخشى بولدى». ۋاڭ خەيياڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى يىل بويى خاڭجوۋدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم چىچىخاردا پويىز ئالمىشىپ، نېنجياڭغا قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزمەكچى بولغانىدى. لېكىن يول يىراق، ۋاقىت ئۇزۇن، ئوتتۇرا يولدا پويىز ئالمىشىدىغان بولغاچقا، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنىلا ئېلىۋالغانىدى.

  «پويىزدىمۇ بازارغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالغىلى بولىدۇ، پويىزدىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپلا ئاتا-ئانىمىزغا ئاشپەزلىك ھۈنىرىمىزنى كۆرسىتىپ قويالايمىز». پويىز خادىملىرى تارقاتقان تەشۋىقات ۋارىقى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننى جەلپ قىلىپ، ئۇلار <بازار>غا كىرىپ ئىككى خالتا كۆكتات، مېۋە سېتىۋېلىپ ئورنىغا قايتىپ، كەچلىك تاماققا نېمىلەرنى تەييارلاشنى مۇزاكىرىلەشتى.

  «باھار بايرىمىلىق مال بازىرى» يېڭى چارىسى «پويىزدا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش» كونا ئەنئەنىسىدىن كەلگەن.

  4045-قېتىملىق پويىز لىنىيەسىدىكى 14 ۋوگزالدا ھەر كۈنى پەقەت مۇشۇ بىر پويىز قاتنايدۇ، نۇرغۇن كەنتلەردە قاتناش قولايسىز، ئادەم ئاز بولۇپ، ھەر قېتىم قېلىن قار يېغىپ تاغ يولى توسۇلۇپ قالسا، پويىز يول بويىدىكى ئاممىنىڭ بىردىنبىر سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ. «ئىلگىرى ئاھالىلەر بازارغا بېرىش ئۈچۈن ئالايىتەن سىرتقا چىققىنىدا، قايتىش پويىزىغا ئۈلگۈرەلمەي، سىرتتا قونۇپ قالاتتى، تەننەرخ يۇقىرى، بىخەتەر ئەمەس ئىدى» دېدى 4045-قېتىملىق پويىزنىڭ باشلىقى خې بىن.

  خې بىن مۇنداق دېدى: «نەچچە ئون يىل پويىزدا مېڭىپ، يولۇچىلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ كەتتۇق، يان تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرسا، ئۈندىدار توپىغا قوشۇپ قويىمىز، دورا، كۆكتات، مېۋە - چېۋە ، ئاشلىق-ياغ ... دېگەندەكلەرگە كىم ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشقا موھتاج بولسا، سۆز قالدۇرۇپ پۇل تۆلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز ياردەملىشىپ نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا يېقىن ۋوگزالغا ئاپىرىپ بېرىمىز. باھار بايرىمىدىن بۇرۇن كەنتتىكىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجى زور، بۇ ھەم دەل كەنت سىرتىدىكىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىش بېسىق مەزگىلى، شۇڭا ئۈندىدار توپىدا كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىلىق مال ئېھتىياجىنى توپلاپ، مۇقىم رايوندا سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان <پويىز مال بازىرى> قۇرۇشنى ئويلىدۇق».

  چىچىخار يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جېڭ تيېخۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز يېڭى، ئەلا سۈپەتلىك، باھاسى ئەرزان، خەلققە يېقىشلىق ماللار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. باھار بايرىمىلىق ماللارنى يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى تىجارەت بۆلۈمىدىكى خىزمەتچىلەر سۈپەت ۋە باھانى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن بىرتۇتاش سېتىۋالغان بولۇپ، پويىز قوزغىلىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كېچىسى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ ساقلايدۇ».

  «خەلققە يېقىشلىق بولۇش» يولۇچىلارنىڭ 4045-قېتىملىق پويىزغا بەرگەن نامى: ئارىلىقتىكى ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى ئاران ئالتە يۈەن، ئورمانلىق رايونىدىكى ئامما ئۇنى «ئاممىۋى تۆمۈر قاتناش» دەپ ئاتايدۇ. «ياشانغانلار كېسەل كۆرسىتىش، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بېرىش، كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەمچىلىك قىلغىلى بېرىش ياكى يۇرتىغا قايتىشتا ھەممەيلەن ئۇنىڭغا تايىنىدۇ» دېدى خې بىن.

  جۇڭگو تۆمۈريولى خاربىن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە بۇنداق ئاممىۋى پاراۋانلىق «ئاستا پويىز»ىدىن توققۇزى بار.

  ئىلگىرىكى نامرات كەنت بولغان فۇيۈ ناھىيەسىنىڭ جۇڭخوۋ كەنتى لىنىيە بويىدا ئىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جياڭ گوفېڭ پويىزغا چىقىپ، ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بەلكىم كېلەر يىلى غاز، يەرلىك توخۇ ... دېگەندەك بەزى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بۇ <كۆچمە بازار> ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىمىزنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىشى مۇمكىن».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ