خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جەريانىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، شەندۇڭ داشۆسى چىلۇ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن يۈگو جاۋاب بەردى.
سوئال: تۇرمۇشتا قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلمىسا، كېسەل ئاسانلا ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ؟
جاۋاب: بىرىنچى، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلماسلىق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، دەم ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئەگەر كېچىچە ئۇخلىماي، ياخشى ئارام ئالمىغاندا، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا تەرەققىي قىلىپ، ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلماسلىق. قىشتا ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق بولۇپ، سوغۇق ئۆتۈپ قالسا ئورگانىزملارنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىزلىشىدۇ، ۋىرۇسنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، تېخىمۇ ئاسان تەرەققىي قىلىپ، ئېغىر كېسەللىككە ئايلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. يېتەرلىك، تەڭپۇڭ ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلغاندا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەلگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ھەر كۈنى ئازراق قېتىق، تۇخۇم ۋە تەركىبىدە ۋىتامىن C بولغان مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تەرەققىي قىلىپ ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم، سۇ ئىچكەندە ئازدىن يۇتۇش، ھەر ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بىر-ئىككى يۇتۇم سۇ ئىچىش، يۇقىرىقى قەپەس يولىنى نەم ھالەتتە ساقلاش كېرەك.
بەشىنچى، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئالدىدا كەيپىيات ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەگەر ياخشى روھىي ھالەت بولغاندا، كېسەللىككە ئاكتىپ تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى