مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سېمىز، چىرايلىق كىشىلەر ئاسان يۇقۇملانمايدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەر ئىنكاس قايتۇردى

2022.12.20 23:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «سېمىز كىشىلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ئاسان يۇقۇملانمايدۇ»، «چىرايلىق كىشىلەر ئاسانلىقچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمايدۇ» دېگەندەك توردىكى بۇ مىش-مىش پاراڭلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟ بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىش ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، بېيجىڭ شياۋتاڭشەن چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسى لى دۇڭزېڭ خەلق تورى «خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرى» تېرمىنالىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

  لى دۇڭزېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2020-، 2021-يىلىدىكى بىمارلار ئىچىدە، سېمىز كىشىلەر توپى ئېغىر كېسەللەر ئىچىدىكى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى بولۇپ، ئۇلار «ئاسان يۇقۇملانمايدىغان كىشىلەر» ئەمەس، بەلكى ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدىغانلار، ئۇلار ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاسان ساقايمايدۇ، يەنە كېلىپ ئاسانلا ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، سېمىز كىشىلەر توپى ئىزچىل يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى بولۇپ كەلمەكتە. ئومىكرون تارقالغاندىن كېيىن، ئومۇمىي كېسەللىك پەيدا قىلىش نىسبىتى ئاجىزلىدى، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئازايدى، سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ خەتىرىمۇ تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلىدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېشى ۋە ئاساسىي كېسەللىك تارىخىغا قاراش كېرەك. ئەگەر بىر ياش كىشىنىڭ ئاساسىي كېسىلى يوق بولۇپ، بىر قەدەر سېمىز بولغاندا، ئۇنىڭ ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىش خەۋپ-خەتىرىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

  ھازىر، پەقەتلا ئومىكرون دەۋرىدە سېمىز ياشلارغا بولغان خەتەر بۇرۇنقىدەك يۇقىرى ئەمەس، دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ سېمىزلەرگە پايدىلىق دېگەنلىك ئەمەس، سېمىز بولۇش يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ ھەم ئەسلىگە كېلىشى باشقىلاردىن تېز بولمايدۇ.

  چىراي-تۇرقى مەسىلىسىگە كەلسەك، تېخىمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق، چوڭ ئەۋرىشكە ئېلىنغان پۈتۈن جەمئىيەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، جەمئىيەتتە پائالىيەت قىلغان بولسىلا، يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرى ئوخشاش بولىدۇ.

  يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق كىشىلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا، لى دۇڭزېڭ تونۇشتۇرۇپ: ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەردە ئاسانلا ئېغىر كېسەللىك پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ