مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش باشلاندى! قىز-ئوغۇللاردىن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئوخشىمايدۇ

2022.12.02 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوغۇللارنىڭ ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش ۋاقتى 2022-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2023-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، قىزلارنىڭ ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش ۋاقتى 2023-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2023-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.


  ئوغۇللادىن ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش ئوبيېكتى: تولۇق ئوتتۇرا (ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ياشلار (ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 18 ياشتىن 22 ياشقىچە (2001-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2005-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار)؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولۇشى كېرەك؛ ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 26 ياشقىچە ئۇزارتىلىدۇ؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئوغۇللار 18 ياشتىن 20 ياشقىچە بولسا بولىدۇ.


  قىزلاردىن ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش ئوبيېكتى: ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 18 ياشتىن 22 ياشقىچە (2001-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2005-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار) بولۇشى كېرەك، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 26 ياشقىچە ئۇزارتىلىدۇ؛ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەر 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىز ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ، يېشى 23 ياشقىچە ئۇزارتىلىدۇ.


  تىزىملىتىش يولى


  مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورى:http:// www.gfbzb.gov.cn
ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئاساس قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرىش «يېشىل يولى» نى داۋاملىق راۋانلاشتۇرۇپ، ئەلالىرى پونكىتقا بېرىپ سالامەتلىكى تەكشۈرتۈلۈپ، ئەلالىرى تەستىقلىنىدۇ.


  دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىدىن يۇقىرى كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى (كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى) ئالغان ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە تېخنىك شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەنلەر ھەربىيلىككە قاتناشسا ئوخشاشلا «يېشىل يول» دىن بەھرىمەن بولىدۇ.
چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مەركەز مالىيەسى مۇناسىپ ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەشنى يولغا قويىدۇ.
شۇ يىلى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەربىيلىككە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ