مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانۇنغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ يەر ئىگىلەپ، يەر تەستىقلىغان بۇ جايلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
جايلار قانۇنغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ يەر ئىگىلەپ، يەر تەستىقلىغان 45 دېلو ئاشكارىلاندى

2022.12.02 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 29-كۈنى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىپ كۆل قېزىپ مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار باش بولۇپ قانۇنغا خىلاپ يەر ئىگىلەش، يالغاندىن تېرىقچىلىق قىلىش، تېرىقچىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دائىر قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ 45 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.


  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2021-يىلى دۆلەت تەبىئىي بايلىقنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى «غەيرىي يېزا ئىگىلىكسىزلەشتۈرۈش» نى قەتئىي توسۇش، تېرىلغۇ يەرنى «ئاشلىقسىزلاشتۇرۇش» نىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ھۆججىتى تارقىتىلغاندىن كېيىنمۇ قىسمەن جايلارنىڭ يەنىلا قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ، كۆل قېزىپ مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، كۆكەرتىپ، ئورمان بىنا قىلغان، ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى شەھەرلىك، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلار باش بولۇپ قانۇنسىز يەر ئىگىلەپ، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تولۇقلاپ ئايرىش مەسۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، بەزىلىرى ھەتتا ساختىپەزلىك قىلىپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق دەسسەپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قانۇنغا خىلاپ دېلو مىساللىرى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش، كۆل قېزىپ مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش مەسىلىسىدىن 17نى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلارنىڭ قانۇنسىز يەر ئىگىلەش، قانۇنسىز يەر تەستىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك مەسىلىسىدىن 10نى، تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىش ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 6نى، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى تولۇقلاپ ئايرىشتىكى يالغانچىلىق مەسىلىسىدىن 7نى ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش يېرىگە توپا يېيىتىپ، يالغان تېرىقچىلىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تېرىلغۇ يەرنى يالغاندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدىن 5نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


  تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ دېلو مىساللىرى ئالاقىدار جايلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئاجىزلىقىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى، قانۇننى ئىجرا قىلىشى قاتتىق بولمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، تۈزىتىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەم ئىشنى، ھەم ئادەمنى بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن تېرىلغۇ يەرنى «غەيرىي يېزا ئىگىلىكسىزلەشتۈرۈش» نى قەتئىي توسۇپ، «ئاشلىقسىزلاشتۇرۇش» نىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماي، مەنئىي قىلىنغان ئىشنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنى چاقىرىتىپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت تەبىئىي بايلىقنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئاپپاراتى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە سىجىل ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ