مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك

9-نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى، 20 ماددىلىق ئەلالاشتۇرۇلغان تەدبىرلەر ھەققىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا ئالاقىدار سوئال-جاۋابلار (1)

2022.12.01 23:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 ماددىلىق ئەلالاشتۇرۇلغان تەدبىرلەر، خەۋپلىك رايونلارنى ئايرىش ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش لايىھەسى قاتارلىق تۆت تېخنىكىلىق ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ يەرلىك يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. 9-نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى، 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرى ۋە تۆت تېخنىكىلىق ھۆججەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇمنى تېز كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟

  گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ نوپۇزلۇق ئىنكاس قايتۇردى. تۆۋەندە مۇھىم نۇقتىلار كەلدى.

  1-سوئال: يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە قاتتىق تەلەپ قويۇلامدۇ، كونكرېت قېتىم سانىغا تەلەپ قويۇلامدۇ، ئائىلىدە تۇرىدىغان ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىقلارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى ئازراق تەكشۈرۈشكە بولامدۇ؟

  جاۋاب: يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشتىكى ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق تەدبىر. يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قارىتا دەل جايىدا بولۇشى كېرەك، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس.

  ئومۇمىي خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى تەلىپىدىن قارىغاندا، 9-نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى، 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىگە ئاساسەن، ئۆلكە مەركىزىدىكى شەھەرلەر ۋە 10 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە شەھەرلەردە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، تارقىلىش زەنجىرى ئېنىق بولمىغان، خەۋپلىك سورۇن ۋە خەۋپلىك خادىملار كۆپ بولغان، خەۋپلىك خادىملارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى زور بولغان، يۇقۇم تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت بولغاندا، يۇقۇم رايونىدا ھەر كۈنى بىر قېتىم ئومۇمىي خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلىدۇ، جەمئىيەت قاتلىمىدا يۇقۇملانغۇچىلار بولمىغاندا، ئومۇمىي خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇم كۆرۈلمىگەن رايونلاردا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە بولمايدۇ، ئادەتتە مەمۇرىي رايون بويىچە بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلمايدۇ.

  2-سوئال: تەلەپ بويىچە ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۆزەتكەندە، سىرتقا چىقىپ كۆكتات سېتىۋېلىشقا بولامدۇ؟

  جاۋاب: تەلەپ بويىچە، زۆرۈر بولمىسا سىرتقا چىقماسلىق كېرەك. ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۆزىتىش مەلۇم دەرىجىدە ئائىلىدە ئايرىش بىلەن باراۋەر، لېكىن داۋالىنىش، يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياج بولسا، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان ئەھۋالدا چەكلىك سىرتقا چىقىشقا بولىدۇ.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۆزىتىش-ئۆلچەش كۆرسەتمىسى» بويىچە، ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۆزىتىش-ئۆلچەش مەزگىلىدە، زۆرۈر بولمىغاندا سىرتقا چىقماسلىقنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، داۋالىنىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللاردا جەزمەن سىرتقا چىقىش كېرەك بولغاندا، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىپ، N95/KN95 دانچە ماددىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ماسكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تاقاپ، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوچا (بازار)، مەھەللە (كەنت) خىزمەتچى خادىملىرى يالغۇز قالغان ياشانغانلار، كېسىلى ئېغىر بىمارلار، ھامىلىدار ئاياللار، قان دىئالىزى قىلىدىغان بىمارلار قاتارلىق ئۆيدە ساغلاملىقىنى كۆزىتىدىغان ئالاھىدە خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھېسابات قۇرۇپ، زۆرۈر تۇرمۇش كاپالىتى ۋە كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

  شۇڭا، ئائىلىدە ساغلاملىق تەكشۈرۈش مەزگىلىدە سىرتقا چىقىپ كۆكتات سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، لېكىن جايلار، مەھەللىلەر ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  3-سوئال: ئولتۇراق رايوندا مۇسبەت چىققاندا، بىنا پېچەتلىنەمدۇ ياكى ئولتۇراق رايون پېچەتلىنەمدۇ؟ پېچەتلەشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟

  جاۋاب: ئادەتتە كورپۇس، بىنا بىرلىك قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ، لېكىن ئالاھىدە ئەھۋالدا، نەق مەيداننىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەسپىي يۇقۇم مۇداپىئەسىگە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەۋپلىك رايونىنى ئايرىش ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش لايىھەسى»دە، بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)لەرنى دەل جايىدا خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايون، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايوندىن ئىبارەت ئىككى خىل خەۋپ-خەتەر رايونىغا ئايرىش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، پىرىنسىپ جەھەتتىن يۇقۇملانغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جاي، شۇنداقلا پائالىيىتى كۆپ ھەم يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان خىزمەت رايونى ۋە پائالىيەت رايونى قاتارلىق رايونلارنى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايون قىلىپ ئايرىش كېرەك. يۇقىرى خەۋپ-خەتەر رايونى ئادەتتە كورپۇس، بىنا بىرلىك قىلىپ ئايرىلىدۇ. يۇقۇم تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى ئېنىق بولمىغان ياكى مەھەللىدە كەڭ تارقالغان ئەھۋالدا، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلارنى ئايرىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

  خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايون، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلارنى بېكىتىشنى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق تارماقلىرى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى (رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، قوماندانلىق ئىشتابى) كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ