مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2021-يىلى ئېلىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلى 191 مىليونغا يەتتى

2022.12.01 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  2021-يىلى ئېلىمىزدە ئالاقە تورىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئومۇملىشىش نىسبىتى 1.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى


  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بۆلۈمى، جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى بىرلىكتە 30-يانۋار بېيجىڭدا «2021-يىللىق مەملىكەت بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاقە تورىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى ئېلىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %96.8كە يېتىپ، 2020-يىلىدىكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا زىيادە چىقىش ئەھۋالى ياخشىلانغان، خىزمەت كۈنى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 2020-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلىگەن.


  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تور بىخەتەرلىكى مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسىگە ئۇچراش نىسبىتى 2020-يىلىدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، ئالاقە تورى ئارقىلىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغىلى ياكى پاش قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلىنىڭ نىسبىتى ئاشقان، كۆپ ساندىكى قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تور ئارقىلىق قوغداشقا ئالاقىدار يېڭى سىياسەت، يېڭى قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل بۆلگەن.


  دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ يېزىلارغا داۋاملىق سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى جەھەتتىكى پەرقى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇقلانغان. ھازىر كۆرۈنمە چاستوتا سۇپىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى، ئاتا-ئانىلارنىڭ تورغا چىقىش ھەرىكىتى ۋە تور ساپاسىمۇ قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى ئېلىمىزدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلى 191 مىليونغا يەتكەن. دوكلاتتا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: «ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت، كارخانا» بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، رەقەملىك جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش، تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن «بىر ئەۋلاد ئالاقە تورى» ئەھلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش كېرەك.


  بۇ قېتىمقى دوكلات 31 ئۆلكە (رايون، شەھەر)دىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قاپلىدى. دوكلاتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشى، تورغا كىرىش مۇھىتى، توردىن پايدىلىنىش ئالاھىدىلىكى، مائارىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاقە تورىنى ئىشلىتىش يۈزلىنىشىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ ۋە ھۆكۈم قىلىنىپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا خىزمەت تەكلىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ