11-ئاينىڭ 30-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى بويىچە 429-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ خېجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ 9-نەشرىدىكى مۇداپىئە-تىزگىن لايىھەسى ۋە 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىلمىي باھالاش ئۈنۈمى ئاساسىدا، خېسۈەن تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
2022-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئۇزاق مۇددەت ئائىلىدە بولىدىغان ياشانغانلار، ئائىلىدە ئىش بېجىرىدىغانلار، ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلار، بوۋاقلار ۋە بالىلار قاتارلىق سىرتتا ئىشى يوق كىشىلەر سىرتقا چىقىش ئېھتىياجى بولمىسا، مەھەللىنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈشىگە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ