مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شېنجوۋ 15 ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

ئالەم پونكىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى دەلىللەش ۋە ياساش باسقۇچىدىكى 12 قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق تاماملاندى

2022.12.01 00:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 23 تىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 15 ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر ئىككى ناملىق F توشۇغۇچى راكېتاسى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئوت ئالدۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن، تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كېيىن، خاسىيەتلىك كېمە 15 ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرگەن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ھالىتى ياخشى بولۇپ، قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

  ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئالەم پونكىتى بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە تۇتاشتۇرۇلىدۇ، شېنجوۋ 15 ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى شېنجوۋ 14 ناملىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بىلەن ئوربىتىدا ئالمىشىدۇ. ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلۈمچە ئىچى-سىرتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش، رېمونت قىلىش، بوشلۇق ئىلمى ۋە تېخنىكا سىنىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تاماملايدۇ.

  بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى تۈر تۇرغۇزۇلۇپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 27-قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئالەم پونكىتى باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنكى 4-قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى دەلىللەش ۋە ياساش باسقۇچى پىلانىدىكى 12 قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2021-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچە قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان، پۈتۈن قۇرۇلۇش لىنىيەسىگە ئاران 20 ئاي ۋاقىت كەتتى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋېنچاڭ، جيۇچۈەن ئىككى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئۈچ قېتىم ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بۆلمە بۆلىكى، تۆت قېتىم ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە تۆت قېتىم يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەندى.

  نۆۋەتتە، ئالەم پونكىتىنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى تۇتاشتۇرۇش ئوربىتىسىغا كىردى، خىزمەت ھالىتى ياخشى بولۇپ، شېنجوۋ 15 ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش شارائىتىنى قاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ