مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن «21-نويابىر» پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى

2022.11.24 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن «21-نويابىر» پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى.


  11-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 16 لەردە، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 38 ئادەم ئۆلدى، ئىككى ئادەم يارىلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى باش بولۇپ، ج خ مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر قاتنىشىپ ئەنياڭ شەھىرى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن «21-نويابىر» پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى تەكشۈردى.
23-چېسلا چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن خېنەن ئەنياڭ شەھىرىدىكى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ «21-نويابىر» پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەنياڭدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سۇڭ يۈەنمىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.


  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھادىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ- ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىلمىي، ئېھتىياتچان بولۇش، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش» ۋە «تۆتنى بوش قويۇۋەتمەسلىك» پىرىنسىپى بويىچە، ھادىسە سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئوبيېكتىپ، توغرا بېكىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھادىسە ساۋىقىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنى قەتئىي توسۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


  گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، خېنەن ئۆلكىسى، ئەنياڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ