مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەش لازىم

2022.11.23 23:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرى بىر مەزگىلدە، بەزى رايونلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئاسان، كۆپ يۈز بېرىپ، ئەسلىدە ئاددى-ساددا، تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك بولغان توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ئادەمگەرچىلىكتە بەسلىشىدىغان، پۇل-مال يىغىدىغان «نىقاب»قا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى؛ ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار تەشكىلگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، «پۈتۈننى پارچىلاپ» كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۈپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ باشقا جايدا ئۆتكۈزۈپ، «پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ» «يىراقتىن تىزگىنلەپ» ئۆتكۈزۈپ، توردا ئۆتكۈزۈپ يەڭ ئىچىدە پۇل-مال يىغقان ئىدى. بۇ قىلمىشلار پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇزىدۇ.

  پارتىيە ئىستىلى دۇرۇس بولسا خەلق ئىستىلى ساپ بولىدۇ. جايلار ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىستىل تىكلەشكە ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى قاتتىق توسۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات ياراتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى كېڭىشى، ئەخلاق باھالاش كېڭىشى، توي-نەزىر كېڭىشىنى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇردى؛ پارتىيەلىك كادىرلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي، تېجەشلىك مېھمان كۈتۈش يېڭى ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلدى ۋە يېتەكلىدى؛ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنەۋۋەر ئىدىيەۋى قاراش، ئىنسانىي روھ ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، چوڭلارغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆيۈنىدىغان، ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، لەۋزىدە تۇرىدىغان، ئائىلىنى تىرىشچانلىق-ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرىدىغان ئېسىل، گۈزەل ئەخلاققا ۋارىسلىق قىلىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇردى... جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىدىغان بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ كېڭەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تۇپرىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق خەلق ئىستىلى، جەمئىيەت ئىستىلىنىڭ سىجىل ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. كونىلاردا تاغنى يۆتكەش، دېڭىزنى تىندۇرۇش ئاسان، ئۆرپ-ئادەتنى ئۆزگەرتىش تەس دەيدىغان گەپ بار. ئۆرپ-ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى بىردەمدىلا پۈتكەن ئەمەس، كۆپىنچە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، مۇرەككەپ ئادەمگەرچىلىك، تۇرمۇش تەجرىبىسى قاتارلىق ئامىللار ساقلانغان. نۆۋەتتە، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى تۈزىتىلسىمۇ يىلتىزى مەۋجۇد بولۇپ جاھىل، مۇرەككەپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش، يېڭى ئىستىل تىكلەشكە جەزمەن سىجىل كۈچەش، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىش، بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپچىلىق قىلىش قاتارلىق ناچار ئادەتلىرىنى باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلىغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قىزىل گېننى داۋاملاشتۇرۇش، دەۋر يېڭى ئىستىلىنى تۇرغۇزۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، قىزىل بايلىقنىڭ كۈچى، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى تۇرغۇزۇشتىكى مۇھىم ئۈنۈمىنى تولۇق قويۇپ بېرىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىزچىل ھەيدەكچىلىك قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەشەمەتچىلىكنى تۈگىتىپ، چاكىنىلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىستىلنى يېڭى دەۋردە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ