مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «خىيانەتچى چىۋىن»لارنى قەتئىي جازالاش لازىم

2022.11.23 23:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت بولسىلا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى مەڭگۈ ياڭرىتىش لازىم، دەپ تەكىتلەندى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلىپ، «ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى <خىيانەتچى چىۋىن»لارنى قەتئىي جازالاش» ئېنىق تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇنداق روشەن سىگنال تارقاتتى: پارتىيەمىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «يولۋاس» باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، «چىۋىن» قالايمىقان ئۇچسىمۇ زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەدبىرلەرنى بارغانسېرى دەل جايىدا قىلىدۇ.

  ئەلرايى __ ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر، ئەلرايىغا باققان ھاكىمىيەت گۈللىنىدۇ. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقچىللىق __ ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش __ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. پارتىيەمىز خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتلەردە خەلقنىڭ رايىغا بېقىشى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى كۆزلىشى كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «خىيانەتچى چىۋىن»لار ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى غاجىلاپ، ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچى ۋە تونۇشىنى بۇزۇپ-چېچىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى بۇزدى، خەلق ئاممىسىنىڭ تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر، ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، چوڭقۇر نەپرەتلەندى. خەلقنىڭ ئارزۇسى __ بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، بىز شۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇمىز ۋە ئۇنى تۈزىتىمىز. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئاممىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «خىيانەتچى چىۋىن»لارنى جازالاش ئاممىنىڭ قاتنىشىشى ۋە نازارەت قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى ھەممە جايدا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ۋە ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىك يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئاممىنى ئوڭۇشلۇق، قولايلىق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەش تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «خىيانەتچى چىۋىن»لارغا يوشۇرىدىغان جاي قالدۇرماسلىق كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ