مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى تەيفېڭ دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنى زىيارەت قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.11.23 23:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىدەك فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز پارتىيە-گۇرۇھلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز ۋە ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىدەك فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  شى تەيفېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئەقلىي كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئالاقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي كېڭىشىشكە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى. شى تەيفېڭ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئىككى ساغلام»لىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ساداسىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ