مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: تىببىي ئاپپاراتلارنىڭ جىددىي داۋالاش بۆلۈمى، ئوپراتسىيە بۆلۈمى قاتارلىقلارنى پىرىنسىپ جەھەتتە «زۆرۈر بولمىسا قامال قىلماسلىق» نى ئۇقتۇردى

2022.11.23 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش-بىرلىكتە تىزگىنلەش مىخانىزىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ئىدارىسى، جۇڭگو كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە تاراتقۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.


  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گو يەنخۇڭ يىغىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى قىزىغان بىمارلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم ئورۇن. ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، تەسىس قىلشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر تەسىس قىلىش، ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر ئېچىش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، گۇمانلىق بىمار بايقالغان ھامان تېزدىن پەرقلەندۈرۈش، ئەگەر مۇسبەت يۇقۇملانغۇچى بولسا دەرھال بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا ياكى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ قۇتقۇزۇش، «تۆت بالدۇر» بولۇشنى يەنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.


  يۇقۇم رايونلىرىدا، بىرىنچىدىن، داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەشنى ئىلمىي، توغرا ئىشلەش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەشنى باھانە قىلىپ يۇقۇم بايقالغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاقىۋەتمەسلىك، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جىددىي داۋالاش، دىئالىز ئۆيى، ئوپېراتسىيە ئۆيى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيى، تۇغۇت ئۆيى قاتارلىقلارنى پىرىنسىپ جەھەتتىن قامال قىلماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، يۇقۇمنى تىزگىنلەشتە ۋاقىتلىق توختىتىش زۆرۈر بولغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى، شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى، دوختۇرخانا ئۈندىدار سۇپىسى قاتارلىق يېڭى ئاخبارات ۋاستىلىرى سۇپىسى، دوختۇرخانا ئىچىدىكى چوڭ ئېكران قاتارلىقلار ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېلان قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ھەقىقەتەن قامال قىلىپ باشقۇرۇشقا تېگىشلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، خادىملارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىپ، تېز تاقاپ، تېز ئېچىپ، ئېچىش شەرتىگە توشقاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.


  گو يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى جايلاردىن دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇنقى جىددىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ ۋە ئىلمىي تەڭشەپ، 120 قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت يوللىرىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، بىمارلارنىڭ دەۋا تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈندىلىك داۋالاش مۇلازىمىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ