مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدى

ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ كىنىشكىسىنى ئالغان ئوقۇرمەنلەر 103 مىليوندىن ئاشتى

2022.11.23 03:02 مەنبە: خەلق تورى

  «چاڭشا شەھىرىدىكى كۇتۇپخانىنىڭ مۇھىتى ياخشى، مۇلازىمىتى ياخشى، پائالىيىتى كۆپ، ئاتا- ئانام بىلەن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى دېگۈدەك كېلىمىز» __ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، توققۇز ياشلىق پەن يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن دەل ۋاقتىدا كۇتۇپخانىغا كېلىپ، كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش ئۆيى ۋە پائالىيەت ئۆيىدە ھەپتە ئاخىرىدىكى ۋاقىتنىڭ پەيزىنى سۈردى. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زىياڭنىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە كۇتۇپخانىغا كىرىدىغانلار 5000 ئادەم قېتىمدىن كۆپ بولۇپ، بۇلتۇر كۇتۇپخانىغا كىرگەن ئوقۇرمەنلەر 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، 2 مىليون 550 مىڭ پارچە كىتاپ ئارىيەتكە ئېلىندى. ھازىرغا قەدەر، چاڭشا شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ كىنىشكىسى بار ئوقۇرمىنى 695 مىڭغا يېتىپ، 10 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى».


  چاڭشا شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنىشى 10 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز ئاممىۋى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ كارتىنىسى.


  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ كىنىشكىسىنى ئالغان ئوقۇرمەنلەر 103 مىليوندىن ئاشتى. 2012– يىلى، بۇ سانلىق مەلۇمات 24 مىليون 845 مىڭ 100 ئادەم ئىدى. 10 يىلدا ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ كىنىشكىسىنى ئالغان ئوقۇرمەن سانى %315تىن ئاشتى. سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېشىشى ئاممىۋى كۇتۇپخانا بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ».


  ___ تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.


  «كۇتۇپخانا ئۆيدە ئېچىلىپ، كىشىلەر كىتاب سەۋەبىدىن يېقىن دوستقا ئايلاندى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ» دېدى، گۇاڭدۇڭ فوشەن شەھەر ئاھالىسى لو چيەن كۇتۇپخانا سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر بىلەن تونۇشقانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا ھاياجانلىنىپ. فوشەندە 1300دىن ئارتۇق «كۇتۇپخانا باشلىقى» بار، ئۇلار ئۆيىدە ئېچىلغان «قوشنىلار كۇتۇپخانىسى»نى باشقۇرۇپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ كىتاب ساقلاش بايلىقى ۋە ئۆيىدىكى كىتابلاردىن پايدىلىنىپ قەرەللىك ئوقۇش، بەھرىمان بولۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ.


  2015-يىلى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە يېتەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەردىن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى تەدرىجى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى. فوشەن شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى خۇاڭ بەيچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىز يېڭىلىق يارىتىپ <قوشنىلار كۇتۇپخانىسى> ۋە <يىبېنشۇ> مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولغۇچىلار قاتناشقۇچى، تەمىنلىگۈچى ۋە ئىجاد قىلغۇچىغا ئايلىنىپ، زەنجىر شەكىللىنىپ، شەھەرنىڭ كىتابخۇمارلىق پۇرىقى يېتىلدۈرۈلمەكتە.
10 يىلدىن بۇيان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈش قاتارلىق ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق–مەنپەئەتى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قانۇنى»دا ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۈرۈشتۈرۈش شەكلى، مۇلازىمەت تەمىناتى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە كاپالەت مېخانىزمى قاتارلىقلار توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى...


  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بىر قاتار قانۇن–نىزام، سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى».


  __ ئەسلىھە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيدى.


  «بارساقلا كىتاب ئارىيەت ئالالايمىز، قولايلىق ھەم تېز!» دېدى خۇبېي ۋۇخەن شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ ۋەنرۇڭ. ۋۇخەندە 80 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل كۇتۇپخانا مۇلازىمەت نۇقتىسى، 147 ئاپتوماتىك كۇتۇپخانا، 100 دىن ئارتۇق شەھەر، رايون، كوچا، مەھەللە ئاممىۋى كۇتۇپخانىسىدا ئارىيەت ئېلىش-قايتۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ كىتاب ئارىيەت ئېلىش ۋە قايتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، قولايلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىش تەرتىپى ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىپ، سانىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتى.


  ۋۇخەن كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى لى جىڭشيا مۇنداق دېدى: «ۋۇخەندە <مەركىزىي كۇتۇپخانا __ باش-تارماق كۇتۇپخانا تۈزۈمى>دىكى تۆت دەرىجىلىك كۇتۇپخانا مۇلازىمەت تورى قۇرۇلدى، كىتاب شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى.»


  2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن 3215 ى، يېزا-بازار (كوچا) مەدەنىيەت پونكىتىدىن 40 مىڭدىن ئارتۇقى، كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىدىن 570 مىڭدىن ئارتۇقى، دېھقانلار كۇتۇپخانىسىدىن 580 مىڭدىن ئارتۇقى بار بولۇپ، بارلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش ئۈچۈن، جايلار ناھىيە دەرىجىلىك كۇتۇپخانىلارنىڭ باش-شۆبە كۇتۇپخانا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلىدىكى مەھەللە، يېزا-كەنتلەرنى «يەككە تەمىنلەش»نى «كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەش»، «ئۆزئارا تەمىنلەش»كە ئۆزگەرتىپ، كىتاب بايلىقىنى تېخىمۇ موللاشتۇردى ۋە ئەلالاشتۇردى. بۇ يىل 6-ئايغىچە، 2642 ناھىيە (شەھەر، رايون)دا كۇتۇپخانىلاردا باش-شۆبە كۇتۇپخانا تۈزۈمى ئورنىتىلدى.


  __ مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش كۈنسېرى كۆپ مەنبەلىشىپ، ئاممىنىڭ خاس مەدەنىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.


  «بېزەش لايىھىسى مودا، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق.» شەندۇڭ رىجاۋ شەھىرى ئاھالىسى لى ۋېيخەن «شەھەر كۇتۇپخانىسى»نى توختىماي ماختاپ، «كىتابقا ھەمراھ بولۇپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزدى.»


  نۆۋەتتە، 18 مىڭدىن ئارتۇق «شەھەر كۇتۇپخانىسى» «مەدەنىيەت ئۆتىڭى» قاتارلىق يېڭىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقى قۇرۇلۇپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ خاسلاشقان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.


  بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار «سىز كىتاب كۆرۈڭ، مەن ھەق تۆلەي» مۇلازىمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، يېڭى كىتاب سېتىۋېلىشتا ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇپ، كۇتۇپخانىنىڭ ئادەم سانى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. چىڭداۋ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلار مەدەنىيەت تاللا بازىرى بەرپا قىلىپ، خاسلاشقان، «زاكازلىق» مۇلازىمەتنى قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇردى؛ بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلار «مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» تارقىتىپ، كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېتىبارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ، ئاممىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.


  __ تور مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئوقۇشنىڭ ۋاقىت-بوشلۇق چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلاندى.


  «بارماق بىلەن چېكىپ قويسا، كىتاب پوچتا ئارقىلىق ئۆيگە يەتكۈزۈلىدۇ.» يېقىندا جېجياڭ نىڭبو كۇتۇپخانىسى يولغا قويغان «تيەنيى كىتاب بىلەن ئۇچرىشىش» مۇلازىمىتى شەھەر ئاھالىسى خۇا شىشىننىڭ دىققىتىنى تارتتى. مەيلى تاغلىق رايوندا بولسۇن ياكى ئارالدا بولسۇن، پەقەت بىر يانفون بولسىلا، ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئارىيەت ئېلىش مۇلازىمىتىدىن ئاسانلا ھۇزۇرلىنالايدۇ.


  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر كۇتۇپخانىسى ۋە %99 ناھىيە دەرىجىلىك كۇتۇپخانىلار ئوقۇرمەنلەرنى TB145 رەقەملىك بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 300 مىڭ پارچە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب، 7700 خىلدىن ئارتۇق قەرەللىك ژۇرنال، 200 مىڭ پارچە مۇزىكا ئاۋاز چاستوتىسى قاتارلىقلار بار. مۇشۇ ئاساستا، جايلار رەقەملىك مۇلازىمەت ئەندىزىسى، رەقەملىك كۇتۇپخانا، توردا كىتاب ئارىيەت ئېلىش، توردا كىتاب ئوقۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.


  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئوقۇرمەنلەر سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا مۇلازىمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.»


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى



  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ