مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى كۇبا رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2022.11.23 03:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، كۇبا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى مىگېل دىياس كانېل بېمۇدېس 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە دوستانە ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: كۇبا غەربىي يېرىم شاردىكى يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى بويىدىكى دۆلەت. جۇڭگو بىلەن كۇبا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تەقدىرداش ياخشى دوستلار، ياخشى يولداشلار، ياخشى قېرىنداشلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 62 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگو-كۇبا ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ خاس سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ماسلىشىپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سەمىمىي ھەمكارلىشىدىغان ئۈلگىگە ئايلاندى.

  ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: رەئىس دىياس كانېل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن كۈتۈۋالغان تۇنجى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلىتىنىڭ باشلىقى. رەئىس دىياس كانېلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە دوستلۇق ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ