مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

2022.11.23 03:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيەن خۇڭشەن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئاسىيا پارتىيەلەر خەلقئارا يىغىنىنىڭ 11-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. بۇ مەزگىلدە تۈركىيە جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس تەشۋىق قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قاتارلىق تۈركىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  تۈركىيە تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى. بۇ، جۇڭگو ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنياغا يېڭى پۇرسەت كۆزنىكى ئېچىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ