خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئەسكەرتمە ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھاياتلىق بىباھا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش مەنئى قىلىنىدۇ؛ مۇسابىقىنى مەدەنىي كۆرۈپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ساقلىنايلى. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، ۋەقە تۇغدۇرۇشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.
كەڭ توپ مەستانىلىرى تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول كاتتا زىياپىتىنى كۈتۈۋالدى، مۇسابىقە كۆرۈشكە كېلىشىپ، ھاراق ئىچكەچ مۇسابىقە كۆرىدىغانلار كۆپىيىدۇ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ خەتىرى ئاشىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى كەڭ توپ مەستانىلىرى، دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، قانغۇچە تاماشا قىلىپ، قەدەھ كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلغاندىن باشقا، قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ھەم مەدەنىي مۇسابىقە كۆرۈپ، خۇشال-خۇرام توپ كۆرۈش، ھەم ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن يىراق تۇرۇپ، ئامان-ئېسەن ئۆيگە قايتىش، ھەرگىز تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىق لازىم. بىللە ھاراق ئىچكەچ توپ كۆرگەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىرلىكتە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىنى توسۇش كېرەك؛ ئاشخانا، قاۋاقخانا، ھاراققا چېتىشلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىقات، ئەسكەرتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى، جەمئىيەت ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ