مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىسى ۋاڭ يۇڭ پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2022.11.22 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يىنچۈەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىسى ۋاڭ يۇڭنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.


  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋاڭ يۇڭنىڭ سىياسىي ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنىڭ كەمچىللىكى، قانۇن-ئىنتىزام قارىشىنىڭ سۇسلىقى، شەخسىي مەنپەئەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىپ، ئاچكۆزلۈكنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، راھەت-پاراغەتكە، شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتكەنلىكى، تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، پارتىيەگە سادىق بولمىغانلىقى، سەمىمىي بولمىغانلىقى، تەشكىلى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، زاڭ پۇل-ماللارنى يوشۇرۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرغانلىقى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات ۋە پۇل قوبۇل قىلغانلىقى، باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ماشىنىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۇزاق مۇددەت ئىگىلىۋالغانلىقى؛ تەشكىلىي ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلماي ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلماي، خەت-چەك شەكلىدە سۈرۈشتۈرگەندىمۇ تەشكىلگە مەسىلىسىنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش جەريانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كادىرلارنى يۆتكەپ ۋەزىپىگە قويغانلىقى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئارىلاشقانلىقى؛ ۋەزىپىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەم نۇرغۇن پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.


  ۋاڭ يۇڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ھەتتا 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلاردىن قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق ۋاڭ يۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى؛ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يىغىۋالدى؛ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، چېتىشلىق مال ـ مۈلكىنىمۇ بىرگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ