مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارادىكى زاتلار ئامېرىكا-شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشغا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىشى ياۋروپانى بالاغا تىقماقتا، دېيىشتى

2022.11.22 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىشى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، لېكىن بۇ قېتىمقى كىرىزىسنىڭ «سەۋەبچىسى» توغرىسىدا توختالغاندا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. يېقىندا، خەلقئارادىكى بىر قىسىم زاتلار باش ئىستانسا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئوت يېقىش»تىن «ئوتقۇيرۇقىلىق قىلىش»قىچە، «ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش»تىن «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش»قىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنبەلەرنىڭ بىرى، ياۋروپا بۇ توقۇنۇش ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەيدۇ.


  ئۇرۇگۋاينىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇجىكا: شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتى رۇسىيەگە نىسبەتەن تەھدىت، ھېچقانداق چوڭ دۆلەت ئىشىكى ئالدىدا قورشاۋدا قېلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭچە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئەمەس، ياۋروپامۇ ئەمەس، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى. ئامېرىكا توقۇنۇشنى بېسىقتۇرىدىغان ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىدى، ئەمما ياۋروپا ئەسلىدە نىسپىي مۇستەقىل رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى، ھازىر بۇ توقۇنۇشقا چېتىلىپ قېلىپ، ئۆزىگە بالا تېپىۋالدى، توقۇنۇش ياۋروپانى ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەشكە مەجبۇرلدى.


  ئارگېنتىنا ھەمكارلىق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى مارتىن سىگنېر: مېنىڭچە ئامېرىكا بۇ توقۇنۇشقا ناھايىتى روشەن ھالدا ئارىلاشتى، قورال ۋە پۇل بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلىدى، ئېنىقكى، ئامېرىكا رايون ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم خەلقارا كۈچ، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى سىياسىي ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياۋروپاغا بولغان تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ