مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلار يېشىغا قاراپ ئېتىبارلىق پويىز بېلىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2022.11.21 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى نۇسخىدىكى «تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتى قائىدىسى» 2023-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بوي ئېگىزلىكىگە قاراپ بالىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش سالاھىيىتىنى بەلگىلەش بەلگىلىمىسى پات ئارىدا ئۆزگىرىدۇ.


  مۇخبىر 11-ئاينىڭ 17-كۈنى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتى قائىدىسى»دە بالىلار بېلىتى توغرىسىدىكى «پويىز بېلىتىنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان يولۇچىلار ئالتە ياشقا توشقان لېكىن 14 ياشقا توشمىغان بالىلارغا بالىلار ئېتىبارلىق بېلىتى سېتىۋېلىشى كېرەك؛ 14 ياشقا توشقان بالىلارغا پۈتۈن باھالىق بېلەت سېتىۋېلىشى كېرەك. بېلىتى بار قۇرامىغا يەتكەن ھەر بىر يولۇچى ئالتە ياشقا توشمىغان ھەم ئايرىم ئورۇن ئىگىلىمەيدىغان بىر بالىنى ھەقسىز پويىزغا ئېلىپ چىقسا بولىدۇ؛ بىر بالىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن ئادەم سانىغا قارىتا بالىلار ئېتىبارلىق بېلىتى سېتىۋېلىشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمىنى كۆردى.


  بەلگىلىمىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: پويىز بېلىتىنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغان يولۇچىلار بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىرغا يەتكەن، ئەمما 1.5 مېتىرغا يەتمەيدىغان بالىلارغا بالىلار ئېتىبارلىق بېلىتى سېتىۋېلىشى كېرەك؛ بوي ئېگىزلىكى 1.5 مېتىرغا يەتكەن بالىلارغا، پۈتۈن باھالىق بېلەت سېتىۋېلىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتكەن بېلىتى بار ھەر بىر يولۇچى بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىرغا يەتمەيدىغان ھەم ئايرىم ئورۇن ئىگىلىمەيدىغان بىر بالىنى پويىزغا ھەقسىز ئېلىپ چىقسا بولىدۇ؛ بىر بالىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن ئادەم سانىغا قارىتا بالىلار ئېتىبارلىق بېلىتى سېتىۋېلىشى كېرەك. بالىلار ئېتىبارلىق بېلىتىنىڭ پويىز قېتىمى، ئورۇن چوقۇم بىللە ماڭىدىغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بېلىتى بىلەن ئوخشاش بولۇشى، مەنزىل ۋوگزال قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بېلىتىدىكى ۋوگزال بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە ھەقسىز بېلەتتىن بەھرىمەن بولۇپ پويىزغا ئولتۇرغان بالىلار مۇستەقىل ئورۇن ئىگىلەش زۆرۈر بولغاندا بالىلار ئېتىبارلىق بېلىتى سېتىۋېلىشى كېرەك.


  پويىزغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى بىلەن سەپەر جەريانىدا ۋەسىيلىك قىلىشقا قوشۇلغانلاردىن باشقىلىرى پويىز بېلىتىنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئەھۋالدا 14 ياشقا توشمىغان ياكى پويىز بېلىتىنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغان ئەھۋالدا بوي ئېگىزلىكى 1.5 مېتىرغا يەتمەيدىغان بالىلار قۇرامىغا يەتكەن يولۇچىلار بىلەن بىللە سەپەر قىلىشى كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ