مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەش تارماق ياشنى باھانە قىلىپ «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ئارقىلىق چوڭ ياشتىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2022.11.21 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  ئېلىمىز بەش جەھەتتىن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى يەنىمۇ قوللايدۇ.


  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق 18-چېسلا «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى يەنىمۇ قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغان ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بەش جەھەتتىكى سىياسەت-تەدبىرنى ئايدىڭلاشتۇردى.


  بىرىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى قوللاش كېرەك، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىش، ئىشچىلارنى تەربىيىلەشكە ياردەم پۇلى بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشقان بىناكارلىق، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، ۋاقىتلىق ئىش توختاتقان كارخانىلار ۋە ئىشچى كەمچىل كارخانىلارنى ئىشچى ئارتۇق كارخانىلار بىلەن تەڭشەشكە تەشكىللەپ، ئىشچى ئىشلىتىش داۋامىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  ئىككىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەرتىپلىك ھالدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك، رايونلار ئارا ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغان ئاھالىنى كۆپرەك سىرتقا چىقىرىدىغان شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزلەشكەن رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتلىرىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەنلەرنىڭ سانى كۆپرەك، ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولغان ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا بەلگىلىمە بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.


  ئۈچىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ناھىيەلەر ئارا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئەمگەك ھەققىنى تارقىتىش كۆلىمىنى ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى تەشكىللەپ، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.


  تۆتىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشسىز قالغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جاي، ئىشقا ئورۇنلاشقان جاي، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا ئىشسىزلىقنى تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئاساسىي ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن ئوخشاش تەمىنلەپ، شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر مەركەزلەشكەن رايونلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ يېشىنى باھانە قىلىپ، چوڭ ياشتىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» قايتۇرماسلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار چوڭ ياشتىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك.


  بەشىنچى، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغان ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئالدىن ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيەلەرنى، چوڭ تىپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونلىرىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈشكە مايىللىشىشىغا كۈچەپ مەدەت بېرىپ، ھازىر بار بولغان يېزا-كەنت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىش كېرەك، ھازىر بار بولغان بەلگىلىمىدىن سىرت ياش قاتارلىق زۆرۈر بولمىغان چەكلەش شەرتلىرىنى ئايرىم قويۇشقا بولمايدۇ، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئىش ئورنى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ