قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 19- چېسلا «ھاياتلىق بىباھا، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش چەكلىنىدۇ؛ مەدەنىي مۇسابىقە كۆرۈپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىن يىراق تۇرايلى» دەپ ئەسكەرتتى. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە تۇغدۇرۇشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.
تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول كاتتا مەرىكىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن پۇتبول مەستانىلىرى بىرگە مۇسابىقە كۆرۈشكە پۈتۈشۈپ، مۇسابىقە كۆرگەچ ھاراق ئىچىش ئەھۋاللىرى كۆپەيدى، شۇ سەۋەبتىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنىڭ خەتىرى ئاشتى. ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى توپ مەستانىسى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پۇخادىن چىققۇچە مۇسابىقە كۆرۈپ، قەدەھ كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىشقاندا، قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىي، خۇشال-خۇرام مۇسابىقە كۆرۈپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىن يىراق تۇرۇپ، ئامان-ئېسەن ئۆيگە قايتىشى كېرەك، تەلەي سىناش ئويىدا بولۇشقا بولمايدۇ. جەم بولۇپ ھاراق ئىچىشكەچ مۇسابىقە كۆرۈشكەن دوست-بۇرادەرلەر ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىنى ئۆزئارا نەسىھەت قىلىپ توسۇشى كېرەك؛ ئاشخانا، قاۋاقخانا، ھاراققا چېتىشلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ ئەسكەرتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ