مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«16 ياشلىق قىز مەكتەپتە بوزەك قىلىندى»، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرگە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرىي تەدبىر قوللىنىلدى

2022.11.21 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، بىر تورداشنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا خېنەن ئۆلكىسى خېبى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىكى 16 ياشلىق بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە بوزەك قىلىنغانلىقى، زوراۋانلىق قىلغۇچىنىڭ باشقىلار بىلەن سىنلىق سۆزلىشىپ بۇ ئىشىنى كۆز-كۆز قىلىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.


  19-چېسلا سەھەردە، خېبى شەھىرى شەنچېڭ رايونلۇق مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا «توردا تارقالغان خېبى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىكى بوزەك قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلدى:


  2022-يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، توردا «خېبى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدە بوزەك قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى» دېگەن خەۋەر تارقالدى. 12-چېسلا، ج خ ئورگانلىرى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان، نۆۋەتتە، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرگە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرىي تەدبىر قوللىنىلدى. ئىدارىمىز بۇ ۋەقەگە قارىتا مەكتەپلەردە قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پسىخىكا مەسلىھەتچىلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا پسىخىكا ساغلاملىقى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەكتەپتىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنى تەشكىلىي جەھەتتىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. تور ئەھلىنىڭ بۇ ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە نازارەت قىلغانلىقىغا رەھمەت.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ