مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ خىلدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش رەسمىي باشلاندى

2022.11.21 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ گۇاڭجوۋ، چىڭداۋ، خېفېي، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق بەش شەھەردە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالاھىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل ئامانىتى مەھسۇلاتلىرىنى تارقاتتى.


  بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان ئالاھىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل ئامانىتى مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن قويۇپ پۈتۈن ئېلىش، پارچە قويۇپ پۈتۈن ئېلىش، پۈتۈن قويۇپ پارچە ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇددىتى بەش يىللىق، 10 يىللىق، 15 يىللىق، 20 يىللىق قاتارلىق تۆت خىل بولىدۇ.


  سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلاردىكىلەر شۇ جاي تارقاتقان كىملىك ئارقىلىق تىجارەت تور نۇقتىلىرىدىكى پوكەيلەردە بېجىرگەن ئالاھىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل ئامانىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئادەتتىكى قەرەللىك ئامانەت پۇلىدىن يۇقىرى بولۇپ، جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىشقا بولىدۇ.


  جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان «ئالاھىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل ئامانىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قا ئاساسەن، ئامانەت قويغۇچىنىڭ ھەر بىر سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بانكىدىكى ئالاھىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل ئامانىتى مەھسۇلاتى ئامانەت پۇل دىرىنىڭ يۇقىرى چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ.


  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئالاھىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل ئامانىتى مەھسۇلاتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىدىكەن.


  ئالاھىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل ئامانىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى ياشانغاندا كۈتۈنۈشتىكى يېڭىچە مەبلەغ سېلىش تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ