مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش-كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ئىدارىسى: ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا خېسۈەن تەكشۈرۈش مەنپىيلىك ئىسپاتىنى تەكشۈرتۈپ دەلىللەش ھاجەتسىز

2022.11.18 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش-بىرلىكتە تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش- كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شېن خۇڭبىڭ مۇنداق دېدى: خېسۈەن تەكشۈرۈش يۇقۇم ئەھۋالىنى بالدۇر بايقاشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، يۇقۇم خەۋپىنى باھالاش، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ۋە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. قاتلاممۇقاتلام چەك قويۇشقا ۋە خالىغانچە چەكنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ.


  شېن خۇڭبىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن رايونلار ئاساسلىقى خەۋپ-خەتىرى بار خىزمەت ئورنى ۋە نۇقتىلىق كىشىلەرگە خېسۈەن تەكشۈرۈش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، قېتىم سانى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خېسۈەن تەكشۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، تەكشۈرمەسلىك ۋە تەكشۈرۈشتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. خېسۈەن تەكشۈرۈش دائىرىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېڭەيتىشكە بولمايدۇ. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئاساسىدا، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن رايوندىكى نوپۇس كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، يۇقۇملىنىش مەنبەسىنىڭ ئېنىق -ئېنىق ئەمەسلىكى، مەھەللىدە تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە تارقىلىش زەنجىرىنىڭ ئېنىق-ئېنىق ئەمەسلىكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن، دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە تەكشۈرۈلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ دائىرىسى، قېتىم سانى ۋە ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى بېكىتىش كېرەك. ئەگەر شۇ جايدا پەقەت ئاندا-ساندا يۇقۇملانغۇچىلار بولۇپ، تارقىلىش زەنجىرى ئېنىق بولسا، مەھەللىدە تارقىلىش خەۋپى بولمىسا، ئادەتتە مەمۇرىي رايون بويىچە بارلىق كىشىلەرنىڭ خېسۈەن تەكشۈرتىشى ھاجەتسىز؛ يۇقۇم كۆرۈلگەن رايونلاردا خەۋپ-خەتەرنى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ھەر كۈنى بىر قېتىم بارلىق كىشىلەردىن خېسۈەن تەكشۈرسە بولىدۇ، ئۇدا ئۈچ قېتىم خېسۈەن تەكشۈرۈشتە يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىسا، ئۈچ كۈندە بىر قېتىم بارلىق كىشىلەرگە خېسۈەن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭدىمۇ يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىسا بارلىق كىشىلەرنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈشىنى توختاتسا بولىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بېرىپ-كېلىشى كۆپ، تۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولغان باشقا رايونلاردا، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھۆكۈمى ئاساسىدا، بەلگىلىك رايوننى بېكىتىپ، بەلگىلىك جايدىكى بارلىق كىشىلەرنى خېسۈەن تەكشۈرۈشكە تەشكىللىسە بولىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر كۈنى بىر قېتىم بارلىق كىشىلەر خېسۈەن تەكشۈرتىشى، ئۇدا ئۈچ قېتىم خېسۈەن تەكشۈرۈشتە يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىسا، بارلىق كىشىلەردىن خېسۈەن تەكشۈرۈشنى توختاتسا بولىدۇ.


  يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رايون ئاتلىغان كىشىلەر 48 سائەت ئىچىدىكى خېسۈەن تەكشۈرۈش مەنپىيلىك ئىسپاتى بىلەن ئايروپىلان، تېز پويىز، پويىز، ئۆلكە ھالقىيدىغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ئۆلكە ھالقىيدىغان يولۇچىلار پاراخوتى قاتارلىق قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن تەۋەلىكنىڭ تەلىپى بويىچە «چۈشكەن جايىدا خېسۈەن تەكشۈرۈشى»، مېھمانخانىغا ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە ساغلاملىق كودى ۋە 72 سائەت ئىچىدىكى خېسۈەن تەكشۈرۈش مەنپىيلىك ئىسپاتىنى تەكشۈرتۈپ دەللىلىشى كېرەك. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈش مەنپىيلىك ئىسپاتىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىشى ھاجەتسىز.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ