مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى: دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى «مۇستەقىللىق»تىن ئىبارەت سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ئارالدىكى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ساتتى

2022.11.18 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى يېقىندا ئاتالمىش «21-ئەسىر ئامېرىكا-تەيۋەن سودا تەشەببۇسى»نىڭ «مول نەتىجىلىرى»نى كۆپتۈرۈپ داۋراڭ سالدى. بۇنىڭغا قارىتا گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 11-چېسلا سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى «مۇستەقىللىق»تىن ئىبارەت سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئارالدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى سېتىپ، سىرتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ «ئامېرىكا كالىسى»، «يادرو بۇلغىمىسى يېمەكلىكى» قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىپادىسى كۆپچىلىككە ئۇنىڭ قىياپىتىنى ئېنىق كۆرسەتتى.


  ما شياۋگۇاڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئامېرىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ