مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنخۇا تاراتقۇلىرى بىلەن گوۋۇيۈەن بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش-بىرلىكتە تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىككى خىل خاھىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ «بىراقلا تاقىۋېتىش»، «بىراقلا قويۇۋېتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2022.11.18 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  17-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش-بىرلىكتە تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن قاراشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەتچان تۈگىتىش» باش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتىنى ياخشىلاشتىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەدبىرلەرنى مۇكەممەل، ئەتراپلىق، توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئىككى خىل خاھىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەم داۋاملىق تۈزەپ قاتلاممۇ قاتلام ئاشۇرۇپ، «بىراقلا تاقىۋېتىش»تىن ساقلىنىش، ھەم مەسئۇلىيەتسىزلىك پوزىتسىيەسىگە قارشى تۇرۇپ «بىراقلا قويۇۋېتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، 20 تۈرلۈك ياخشىلاش تەدبىرىنىڭ كەم-كۈتىسىز ئەمەلىيلىشىشىگە، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  مى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-تىزگىنلەشنى ياخشىلاش ۋە تەڭشەشتىكى 20 تۈرلۈك تەدبىر ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، جايلار تېزدىن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئايرىپ يۆتكەش، خېسۈەن تەكشۈرۈش، خادىملارنى يۆتكەش، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ توغرا تەدبىرلەرنى قوللاندى. بەزى جايلارمۇ 9-نۇسخىدىكى مۇداپىئەلىنىش-تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە 20 تۈرلۈك ياخشىلاش تەدبىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقى، ئۈنۈملۈكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ