مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرەيلى

__ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2022.11.07 08:30 مەنبە: خەلق تورى

  «ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئىتتىپاقلىق – غەلىبە». پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئىجادكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك»لىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش»نى تەلەپ قىلىپ، «ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش»قا چاقىرىق قىلدى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىغا ئىگە خەلق. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىكتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغاشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش __ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا، پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ. ئون يىلدىن بۇيان، بىز سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن.

  ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كەلدى، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ بىردەك بولدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، بوران-چاپقۇن يېتىپ كەلگەن چاغدا پارتىيە باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىسىغا ئايلىنىپ، تۈرلۈك زور خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىپ، مۇستەقىل بولدى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزدى، ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقى يەنىمۇ قوزغىتىلدى، ئىرادىسى، ۋىجدانى، غەيرىتى مىسلىسىز كۈچەيدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى كۆتۈرەڭگۈ بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساسقا، تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسى بىزگە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىدىكى مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتتى.

  ئېنىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىقتۇر، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئەڭ كۈچلۈك كۈرەشتۇر. پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم سىياسەت، فاڭجېن ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما تۈزۈلۈپ، 2035-يىلىغا بارغاندىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى ۋە كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى پىلانلاندى. يېڭى مۇساپىدە يېڭى كۈرەش نىشانىغا قاراپ يولغا چىقىپ، بوران-چاپقۇن، جىددىيلىك، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلارنىڭ زور سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييارلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان-ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى __ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كەلگۈسى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدا ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ مۈجمەللىك قىلىشقا، تەۋرىنىشكە بولمايدۇ؛

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا قاتتىق پولاتتەك ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغاندىلا مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. بىز «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادرولۇق ئورنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچى، تەرەققىيات ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز لازىم.

  20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يېڭى مۇساپىدە، بىز ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. خەلق __ تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ. يول بويى پارتىيەمىز خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدىغان نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى بوران-چاپقۇن بولسۇن ياكى دەھشەتلىك دولقۇنلار كۆتۈرۈلسۇن، خەلق مەڭگۈ پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچى، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچى. پۈتۈن پارتىيە جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەرنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلقنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى باشتىن-ئاخىر قوبۇل قىلىپ، خەلق بىلەن باشتىن-ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىييۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ بىرلىكتە ئويلاش، بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلساقلا، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى چوقۇم شەكىللەندۈرەلەيمىز.

  ئىتتىپاقلىق−تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق−پولات، ئىتتىپاقلىق−كۈچ. ئىتتىپاقلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، ئۈزلۈكسىز ھالدا غەلىبەسېرى ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم كاپالەت. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشتىن ئىبارەت: 2020-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2035-يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىز باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتىدىغان ئۇلۇغ دەۋر! جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەربىر ئەزاسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسى مۇشۇنداق ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىشى، ئىپتىخارلىنىشى كېرەك! يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، بوران-چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ۋاقىت تارىخىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋاقتىنى يارىتالايمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ