خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن بولىدۇ، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) ۋە 10-ئاينىڭ 9-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن بولغان (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ، كونكېرت ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24كىچە بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈشتە ماشىنىنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، يەنى ماشىنا 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24 ئارىلىقىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئېغىزىدىن ئايرىلغان بولسىلا، ھەقسىز بولۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ