مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ قەرەلى توشقان، كارتا پېچەتلەنگەن دېگەندەك مەسىلىلەرگە يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

ھەل قىلىش ئۇسۇلى مانا بۇ يەردە!

2022.09.29 22:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىسپاتى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىدىكى مۇھىم ۋاسىتە.

  كارتا ئىشلىتىشتە مەسىلىگە يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

  ھەل قىلىش ئۇسۇلى مانا بۇ يەردە!

  سوئال: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى قانداق قوزغىتىمىز؟

  جاۋاب: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىغا ئىگە. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى قوزغىتىش كېرەك. ئەگەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى، كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىق تەمىناتلارنى ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، يەنە پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىنى قوزغىتىش لازىم.

  ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى قوزغىتىشتا، ئادەتتە كارتا تارقىتىلغاندا خىزمەتچى خادىملار بېجىرىپ بېرىدۇ ياكى كارتا ئىگىسى ئۆزى دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق تۇنجى قېتىملىق كارتا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي كاپالەت مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قوزغىتىدۇ، قىسمەن رايونلاردا يەنە يان تېلېفون APP، تور بېكەت، 12333 تېلېفونى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توردا يىراقتىن قوزغىتىشقا بولىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىنى قوزغىتىشتا، بانكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كارتا ئىگىسى ئۆزى يۈز تۇرانە بېجىرىشى كېرەك. ئادەتتە شۇ كىشىنىڭ ئىناۋەتلىك كىملىكى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى بانكا پۇكىيىدە بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ، ئوخشاش بىر بانكىنىڭ مەملىكەت بويىچە تور نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بېجىرىشكە بولىدۇ. چوڭ ياشلىق، ئېغىر كېسەل، مېيىپ قاتارلىق ھەرىكىتى قولايسىز ئالاھىدە كىشىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا ياكى ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ.

  سوئال: ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش، قۇلۇپلاشتىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

  جاۋاب: ئەمەلىي كارتا نورمال بولغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى مۇلازىمەتتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ ئەمەلىي كارتىنىڭ يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان، ۋاقىتلىق يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى مۇلازىمەتتە شۇ كىشىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ ئەمەلىي كارتا رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدىكى شەخسىي كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

  سوئال: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

  جاۋاب: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مەخپىي نومۇرى ۋە بانكا ئىسچوتى مەخپىي نومۇرى دەپ ئايرىلىدۇ.

  كارتا ئىگىسى كارتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مەخپىي نومۇرنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى كېرەك. كارتا ئىگىسى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ تور نۇقتىسى، ئاپتوماتىك مۇلازىمەت ئەسلىھەسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپالەتتە قوللىنىلىدىغان مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

  ئىجتىمائىي كاپالەتتە قوللىنىلىدىغان مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى ئۇدا ئالتە قېتىم خاتا كىرگۈزۈپ، كارتىنىڭ قۇلۇپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، كارتا ئىگىسى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ تور نۇقتىسىغا بېرىپ، مەخپىي نومۇرنى قايتا بېكىتىشى ياكى قۇلۇپنى ئېچىشى كېرەك.

  بانكا ئىسچوتى مەخپىي نومۇرىنى باشقۇرۇشتا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

  سوئال: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى ئەسكەرتىلگەندىن كېيىن، كارتا ئىگىسى قانداق مەشغۇلات قىلىشى كېرەك؟

  جاۋاب: كارتا ئىگىسى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن 60 كۈن بۇرۇن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئالماشتۇرۇپ ئېلىش تەرتىپى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش بىلەن بىردەك بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى مۇلازىمەت تور نۇقتىسى ياكى تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىسى كارتا ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يېڭى كارتا تارقىتىدۇ.

  جايلار ھازىر «ئىلتىماس قىلغان ھامان ئېلىش»تەك كارتا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى، باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان خادىملارغا قارىتا، دۆلەت مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى (ئەپچە، APP قاتارلىق مۇلازىمەت يوللىرى)، ئالىقاندىكى 12333 قاتارلىق مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن توردا مۇلازىمەت قىلىش يوللىرى ئېچىلدى، كونكرېت مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى كارتا تارقاتقان جايدىكى 12333 مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىدىن مەسلىھەت سوراشقا بولىدۇ.

  مال-مۈلۈك زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كارتا ئىگىسى «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ قەرەلى توشتى» دېگەن مەزمۇندىكى ھەرقانداق قىسقا ئۇچۇر ئۇلىنىش ئادرېسىنى چەكمەسلىكى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ