دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە كىچىك تىپلىق ئابتوموبىللاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى ئېلىنمايدىغانلىقى بېكىتىلدى
2022.09.29 16:16 مەنبە: خەلق تورى
مۇخبىرنىڭ قاتناش-ترانسىپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق يەتتە كۈنلۈك ئارام مەزگىلىدە يەتتە كىشىلىك ۋە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن ئابتوموبىللاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى ئېلىنمايدىكەن، كونكرېت ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24 كىچە. دېققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش ئابتوموبىلىنى ھەيدەپ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق تۆلەش يولىدىن چىققان ۋاقتى بويىچە ھىسابلىنىدىكەن، يەنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24كىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئېغىزىدىن چىققان بولسا ھەقسىز قىلىۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ