مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

27 مىڭ يۈەندىن 1100 يۈەنگە چۈشتى! بۇ خىل خورىما ماتېرىياللارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 84 % چۈشۈرۈلدى

2022.09.29 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەت تەشكىللىشىدىكى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى تۈرىدىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك-مىقدارلىق سېتىۋالغۇچىلارنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، توردا خېرىدارنى ئېلان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاللاش نەتىجىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يۈرەك قان تومۇر تىرىكى، سۈنئىي بوغۇمدىن كېيىن دۆلەت تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك يىغىۋېلىش بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىمارلار 2023- يىل 2- ئايدا باھاسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى تاللانغان مەھسۇلاتنى ئىشلىتەلەيدىكەن.

  بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىشتا بويۇن ئومۇرتقىسى، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقىسى ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بويۇن ئومۇرتقىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى، كۆكرەك، بەل ئومۇرتقىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى، ئومۇرتقا تەنچىسىنى تۈزەش ئوپېراتسىيەسى، ئېندىسكوپ ئارقىلىق يىلىك يادروسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى، سۈنئىي ئومۇرتقا تەخسىسىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلاردا بەش خىل سۆڭەك بۆلۈمى ئومۇرتقا تۈرىدىكى خورىما ماتېرىيالنىڭ 14 خىل مەھسۇلات سىستېمىسى تۈرى شەكىللەندۈرۈلگەن. تۇنجى يىللىق نىشانلىق سېتىۋېلىش مىقدارى جەمئىي 1 مىليون 90 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياج مىقدارىنىڭ 90 %ىنى ئىگىلەيدۇ، چېتىلىدىغان بازار كۆلىمى تەخمىنەن 31 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ قېتىم يىغىپ سېتىۋېلىش باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن84 %چۈشكەن بولۇپ، سېتىۋېلىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر يىلى 26 مىليارد يۈەن خىراجەتنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.

  مەسىلەن، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان كۆكرەك، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ئارقا يولىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ ھەر بىر يۈرۈشىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 33 مىڭ يۈەندىن 4500 يۈەن ئەتراپىغا تۆۋەنلىگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە، بەزى داڭلىق چەت ئەل مەبلىغى ماركىلىرىنىڭ ھەر بىر يۈرۈشىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 60 مىڭ يۈەندىن 4800 يۈەن ئەتراپىغا تۆۋەنلىگەن.

  تېخنىكىسى ئەڭ يېڭى بولغان كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقىسى مىكرو زەخىم ئوپېراتسىيەسىدە ئىشلىتىلگەن خورىما ماتېرىياللارنىڭ ھەر بىر يۈرۈشىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭ يۈەندىن 5600 يۈەن ئەتراپىغا چۈشكەن. قىسىلىش خاراكتېرلىك سۇنۇقنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئومۇرتقا شەكىللىك ئوپېراتسىيە خورىما ماتېرىيالىنىڭ ھەر بىر يۈرۈشىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 27 مىڭ يۈەندىن 1100 يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرۈلدى.

  بۇنىڭ بىلەن، دۆلەت تەشكىللىگەن ۋە يەرلىكنىڭ مەركەزلىك مىقدارلىق سېتىۋېلىشى سۆڭەك كېسەللىكلىرى خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ بوغۇم، زەخمە، ئومۇرتقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى قاپلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت تەشكىللەپ ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكلەربىرلىشىپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئۆلكىنىڭ 350 دىن ئارتۇق دورا تۈرىنى قاپلايدىكەن، يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ تۈرى بەشتىن ئاشىدىكەن.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ