مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، جىلىن ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ دەن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە جىلىن ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
جاۋ دەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
جاۋ دەن، ئەر، خەنزۇ، 1966-يىل 11-ئايدا تۇغۇلغان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چيەنئەن ناھىيەسىدىن، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2004-يىل 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1988-يىل 7 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
1988-يىل 7-ئايدىن 2003-يىل 7-ئايغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ جىلىن ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسى، چاڭچۈن مەركىزىي تارماق بانكىسى، شېنياڭ شۆبە بانكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىش باشقارمىسىدا خىزمەت قىلغان؛
2003-يىل 7-ئايدىن 2003-يىل 10-ئايغىچە جۇڭگو بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (قۇرۇلۇۋاتقان) نىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛
2003-يىل 10-ئايدىن 2005-يىل 9-ئايغىچە جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك بانكىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛
2005-يىل 9-ئايدىن 2006-يىل 12-ئايغىچە جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك بانكىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
2006-يىل 12-ئايدىن 2007-يىل 12-ئايغىچە جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش 1-باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
2007-يىل 12-ئايدىن 2009-يىل 11-ئايغىچە جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بەيچېڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛
2009-يىل 11-ئايدىن 2011-يىل 11-ئايغىچە جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇنىي ئىگە ئاپپاراتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
2011 ـ يىل 11 ـ ئايدىن 2016 ـ يىل 5 ـ ئايغىچە جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېزا ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 1 ـ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
2016 ـ يىل 5 ـ ئايدىن 2018 ـ يىل 10 ـ ئايغىچە جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛
2018-يىل 10 ـ ئايدىن 2018 ـ يىل 11 ـ ئايغىچە جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2018 ـ يىل 11 ـ ئايدىن 2019 ـ يىل 5 ـ ئايغىچە جۇڭگو بانكىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2019-يىل 5-ئايدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو بانكا- سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى جىلىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى