مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شاڭخەيدە يول بويىدىكى يايمىلار ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنمايدۇ

2022.09.27 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر قىياپىتى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى:

  دۇكان سىرتىدىكى ۋىۋىسكىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ؛

  «ئۈچىنچى تازىلىق ئۆيى» ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالىدۇ؛

  يايمىچىلار كەچلىك بازاردا قانۇنلۇق ھالدا يايما ئاچسا بولىدۇ...

  نىزام 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «تۇرمۇش پۇرىقىنى قالدۇرۇپ، يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن بىر ماددا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتتى.

  سىرتقا چىقىپ ئايلانغاندا، ھەر ۋاقىت قەدەمنى توختىتىپ، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئىسسىقىدا يېگىلى بولىدۇ. بۇ، ئاشقازاننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى روھقا تەسەللى بولىدۇ.

  يول بويىدىكى يايمىلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىق خەۋىرىگە قارىتا، بەزىلەر ئىنتايىن تەقەززا بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. يەنە بەزىلەر ئەنسىرەپ قالدى:

  يول بويىدىكى يايمىلارنىڭ قايتىپ كېلىشى قاتناش، تازىلىققا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ پۇقرالارغا دەخلى قىلامدۇ؟

  بۇ قېتىمقى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە «يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىش» ئەلالاشتۇرۇلۇپ، چەكلىك شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى. «مەنئى قىلىش خاراكتېرلىك قائىدىلەرگە قارىتا، مەنئى قىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ ‹پۈتۈنلەي چەكلەپلا ئىشنى تۈگىتىش›تىن ساقلىنىش كېرەك. شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن رۈي مۇنداق دېدى: يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىش، يولنى ئىگىلەپ تىجارەت قىلىش ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنغان، «نىزام»دا يول، كۆۋرۈك قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلەپ، نەرسە-كېرەك سېتىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونلۇق ھۆكۈمەت، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەر بەلگىلىك ئاممىۋى رايوننى بېكىتىپ، ئۇنى يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىش، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىشلەتسە بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا، شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودا خاراكتېرلىك تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقىتىش قىلمىشىمۇ ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەن، «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاساسلىق يول، مەنزىرە رايونى، سودا مەركەزلەشكەن رايون قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىلا يايما ئېچىشنى چەكلەشكە ئۆزگەرتىلدى. بۇ، بىر تەرەپتىن «تەشۋىقات ۋارىقى»نىڭ كوچا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سودىگەرلەرنىڭ قىسمەن تەشۋىقات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  يول بويلىرىدا يايما ئېچىشقا شەرتلىك يول قويۇلۇشى كوچىمۇكوچا يۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، دەل ۋاقتىدا كەلگەن خۇش خەۋەر بولدى. بىر كۆچمە يايمىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يايما ئېچىش ئىگىلىكى» گۈللەندى، ھەپتە ئاخىرىدا بازارغا بېرىپ يايما ئېچىشمۇ نۇرغۇن ياشلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان پائالىيىتىگە ئايلاندى. لېكىن، بۇ خىل «ئۇششاق تىجارەت» ئىزچىل شەھەر باشقۇرۇشنىڭ چەكلەش دائىرىسىدە بولۇپ، «شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ»، «قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دېگەندەك ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ كەلدى.

  «يول بويلىرىدا يايما» ئېچىشقا يول قويغانلىق خەۋىرى سەۋەبلىك، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، شاۋقۇن، ئەخلەت، بۇلغىنىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئەنسىرىدى.

  بەزىلەر: پەقەت قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرسىلا، شەھەر بۇ خىل «تۇرمۇش پۇرىقى»غا مۇھتاج، دېيىشمەكتە.

  «يول بويلىرىدا يايما» ئېچىشقا قانداق قارايسىز؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ