مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ماشىنا سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك خۇش خەۋەر

2022.09.27 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى.

  1. 2023- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2023- يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  2. ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپى مۇندەرىجىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« مۇندەرىجە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ باشقۇرىدۇ. «مۇندەرىجە» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ سېتىۋېلىنغان ئاپتوموبىللار، «مۇندەرىجە» دىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل، توكقا چېتىپ ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان (كۆپەيتىلگەن تەرتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىل يېقىلغۇ باتارىيەلىك ئاپتوموبىللار تىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ، باج كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپىغا تەۋە بولىدۇ.

  3. سېتىۋېلىنغان ۋاقتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىشتا بىرلىككە كەلگەن تالون ياكى تاموژنا بېجى تاپشۇرۇش قەغىزى قاتارلىق ئۈنۈملۈك دوكۇمېنتلارنىڭ كېسىلگەن ۋاقتى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  4. 2022-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن«مۇندەرىجە» گە كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار مەزكۇر ئېلان بويىچە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمان بولسا بولىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئائىت باشقا ئىشلار «مالىيە مىنىستىرلىقى ،باج باش ئىدارىسى،سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەت توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىللىق 21-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى)، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تېخنىكا تەلىپىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى،مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسىنىڭ 2021-يىللىق 13-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى) قاتارلىق ھۆججەتلەردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.


كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ