يېقىندا، فۇجيەن ئۆلكىسى چاڭتىڭ ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ «تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلانى» تارقىتىپ، زەھەرگە چېتىشلىق قاچقۇن جىنايەتچىلەرنىڭ دېرىكىنى قىلدى.
ئومۇمەن چاڭتىڭ ناھىيەلىك ج خ ئورگىنىنىڭ چاڭتىڭلىق زەھەرگە چېتىشلىق قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى تۇتىشىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، ئەھۋالغا قاراپ ھەر بىر ئادەمگە 50 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ (پاش قىلغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى مۇشۇ ئېلاندىكى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدۇ) ھەمدە مەخپىيەتلىكى ساقلىنىدۇ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، قاچقۇن جىنايەتچىنى يوشۇرغان بولسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
چاڭتىڭ ناھىيەسىدىكى ج خ ئورگانلىرى چاڭتىڭلىق زەھەرگە چېتىشلىق قېچىپ يۈرگەن بارلىق كىشىلەرنى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ، بولمىسا قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ؛ قېچىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قېچىپ يۈرگەنلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ج خ ئورگانلىرىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
پاش قىلىش تېلېفونى:110، 6860169-0597، 6831216-0597
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ